قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش «شىنجاڭدىكى 1- كەنت»نى ياراتتى

2018-08-13 18:00:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

گېزىتىمىز شاھىت (1)
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش «شىنجاڭدىكى 1- كەنت»نى ياراتتى

مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

ئىلاۋە

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىل، ئاشۇ بوران- چاپقۇنلۇققا تولغان پەۋقۇلئاددە يىللاردا، كىملەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى؟ قايسى ئىشلاردا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىزنالىرى قالدى؟ ئۇزاق تارىخقا ئىگە «شىنجاڭ گېزىتى» 40 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە باسقان ھەر بىر قەدىمىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىگە شاھىت بولدى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىزدە «ھەيۋەتلىك شەرق دولقۇنى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى دەۋر − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز. زامان خاتىرىسى»، «گېزىتىمىز شاھىت» ئىستونى تەسىس قىلىنىپ، گېزىتىمىزنىڭ ئۆتكەن 40 يىلدىكى خەۋەرلىرى ئىچىدىن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە ياكى ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، ئىسلاھاتچىلارنىڭ غايەت زور جاسارەت ۋە ئادەتتىن تاشقىرى غەيرەت بىلەن، قاتمۇقات توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرگەنلىكىدەك جانلىق ھېكايىلىرىنى بايان قىلىمىز. 

 «خوشلىشىدىغان چاغدا، سۇڭ خەنلياڭ، تۆمۈر داۋامەت ئايرىم- ئايرىم ھالدا: <شىنجاڭدىكى 1- كەنت. باجياخۇ كەنتىدە يېزا- بازار كارخانىسى قۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن>، <يېزا- بازار كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشايلى> دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى». 

 بۇ، 1992- يىلى 1- ئاينىڭ 29- كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1- بېتىگە بېرىلگەن «ھەر قېتىملىق بايرامدا رىشتىمىز تېخىمۇ چىڭىدى − ئاپتونوم رايون پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ چاغان ھارپىسىدا ھال سورىغانلىقى توغرىسىدا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىز» دېگەن خەۋەردىكى «<شىنجاڭدىكى 1- كەنت>نى ئەتىگەندە زىيارەت قىلىش» دېگەن قىسىمدىن ئېلىنغان مەزمۇن. «شىنجاڭدىكى 1- كەنت» ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ يېزىسى باجياخۇ كەنتى ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى بۇ كەنت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ دولقۇنىدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، بۆسۈشكە ۋە ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىسلاھاتىدىكى ئاۋانگارتقا ئايلاندى. 

 «كونا ئۆيدە ئولتۇرۇپ، توپا كاڭدا ئۇخلايتتۇق، قازاندا بەسەي شورپىسى قاينايتتى، يېرىم يىلغىچە ياڭيۇ بىلەن قوناق جىڭمومىسى يەيتتۇق»، بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىدىكى باجياخۇ كەنتىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى. ئەينى چاغدا، كەنت ئاھالىسى كىرسىن چىراغ ئىشلىتەتتى، قۇدۇق سۈيى ئىچىپ، توپا يولدا ماڭاتتى، نامرات تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمىغانىدى. 

 پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى باجياخۇنى ئىللىتتى. 1978- يىلى، ئەينى چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ بوغالتىرى خې جەنشەن خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، سەككىز ئادەمنى باشلاپ، بىر قول ھارۋىسىغا تايىنىپ، ئۇنىۋېرسال زاۋۇت(ئەمەلىيەتتە قۇرۇلۇش قىلىدۇ) قۇردى. يېقىندا خې جەنشەن ئەينى يىللىرىدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دەسلەپ ئىش باشلىغاندا نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدۇق، مەن كۆپچىلىكنى باشلاپ قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇردۇم، ئۆي سېلىشنى ھۆددىگە ئېلىپ، كۈنبويى قۇم تاسقاش، تاش يۆتكەش، بېتون كۆتۈرۈش، لىم قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتەتتۇق. 

 ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى، خې جەنشەن بۆسۈشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش جاسارىتى بىلەن، باجياخۇ كەنتىنىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىشنى مەبلەغ ئاز كېتىدىغان، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساھەسىدىن باشلاپ، كەنت ئاھالىسىنى يېتەكلەپ پولات پىروكاتلاش زاۋۇتى، گىپىس تاختا زاۋۇتى، سېمونت زاۋۇتى، ئالدىن ياساش زاۋۇتى قاتارلىق ئون نەچچە يۈرۈشلەشكەن كارخانا قۇرۇپ، پۈتكۈل كەنتنىڭ ئىقتىسادىنى قىسقىغىنا نەچچە يىلدا يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈردى. 1985- يىلى باجياخۇ كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ كەنتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 10 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇش، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1000 يۈەندىن ئاشۇرۇشتەك مۆجىزىنى ياراتتى. 1987- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «باجياخۇ كەنتى ئورتاق بېيىشتەك سوتسىيالىزم چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا- بازار كارخانىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادنى تېز زورايتتى» دېگەن خەۋەردە: «بۇلتۇر پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1345 يۈەنگە يېتىپ، بىرمۇ نامرات ئائىلە قالمىدى» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى باجياخۇ كەنتىدە، پۈتۈن كەنتتىكى ئامما ئورتاق بېيىشتەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن. 

 بۇ ۋاقىتتا، خې جەنشەن نامى يېقىن- يىراققا تارالغان «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر دېھقان كارخانىچى» بولۇپ قالغانىدى، ئۇ دائىم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنەتتى، كۆپنى كۆرگەن، كۆپنى بىلىدىغان خې جەنشەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا نىسبەتەن چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدى. 1987- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «خې جەنشەننىڭ يېڭى ئويى» دېگەن خەۋەردە: «باجياخۇ كەنتىنىڭ تەرەققىياتى تىلغا ئېلىنغاندا، خې جەنشەن بىز ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشىمىز كېرەك، بازار نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئامال تېپىپ شۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، دېدى» دەپ يېزىلغانىدى. 

 ۋاھالەنكى، ئىسلاھات يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، مۇۋەپپەقىيەتمۇ، مەغلۇبىيەتمۇ، ئاچچىقمۇ ھەم ئەگرى- توقايلىقمۇ بولىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، باجياخۇ كەنتىدە قۇرۇلغان كارخانىلار ئىچىدە بىر قانچە كارخانا تاقىلىپ قېلىپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن زىيان تارتتى. كارخانا قۇرۇشتىكى جاپانىڭ تەمىدىن باشلامچى خې جەنشەن ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. 1989- يىلى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «خې جەنشەن ۋە ئۇنىڭ <تاغ بەرپا قىلىش> ھەرىكىتى» دېگەن خەۋەردە: «ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ بايلىق يارىتىش، زىيالىيلارغا تايىنىپ بېيىش خې جەنشەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىگە ئايلاندى» دېيىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەكلىپ قىلىنغان پېنسىيەگە چىققان كەسپىي تېخنىك خادىملار، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى «يەكشەنبىلىك ئىنژېنېر»لار خې جەنشەننىڭ «بايلىق ئىلاھى»غا ئايلاندى، ئۇلار مەسلىھەتچى، زاۋۇت باشلىقى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى، بوغالتىرلىق قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئىختىساسلىقلار توپلانغاندىن كېيىن، يېڭى زاۋۇتلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك بەس- بەستە قۇرۇلدى، كەنتتىكى %68 ئەمگەكچى زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشلىدى، يەنە تېخى شەھەردىنمۇ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار قوبۇل قىلىندى.

  20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن 90- يىللىرىنىڭ باشلىرىغىچە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەمىنى تېتىغان باجياخۇ كەنتىدىكىلەر تېخىمۇ يىراققا نەزەر سېلىپ، بازار ئاچىدىغان يېڭى يول − «كېمە ئارىيەتكە ئېلىپ دېڭىزغا چىقىش» يولىدا ماڭدى. 1989- يىلى باجياخۇ لۆڭگە زاۋۇتى ئەينى چاغدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق كارخانىسى − «شىننەن» توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تەدرىجىي ھالدا دۆلەت ئىچىگە سېتىشتىن چەت ئەللەرگە سېتىشقا يۈزلىنىپ، تاشقى پېرېۋوت كىرىمىنى ئاشۇردى. 1991- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «باجياخۇ نېمە ئۈچۈن ئۇزاققىچە گۈللىنىدۇ» دېگەن خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: «زاۋۇت بۇرۇن مەھسۇلاتىنى سېتىپ چىقىرالماسلىقتىن ئەندىشە قىلسا، ھازىر يېتىشتۈرەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىدىغان بولدى.» 

 باجياخۇ كەنتى بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەپەككۇر يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تەرەققىيات قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. 1992- يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، باجياخۇ كەنتىدە كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى كارخانا 20گە، شېرىك كارخانا ئىككىگە يېتىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى 100 مىليون يۈەنلىك كەنتكە ئايلىنىپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەنگە يەتتى. 1992- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «<باجياخۇ> <چوڭ ئائىلە>گە ئايلاندى، ئاخبارات يىغىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا ئايلاندى» دېگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەت بۈگۈنكى باجياخۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا كەسىپلەر روناق تاپقان، كارخانا ۋە كەسىپلەر زورايغان <چوڭ ئائىلە> دەپ تەرىپلىدى»، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شوۋشەنمۇ خې جەنشەن ۋەكىللىكىدىكى باجياخۇدىكى دېھقان كارخانىچىلارغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، باجياخۇنى <شىنجاڭدىكى 1- ھاللىق كەنت> دېدى.» شۇ يىلى، نۇرغۇن شان- شەرەپ قۇچقان خې جەنشەن پارتىيە 14- قۇرۇلتىيىغا شەرەپ بىلەن قاتناشتى. 

 باجياخۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى. 1993- يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ سېتىش ئومۇمىي كىرىمى 224 مىليون يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3500 يۈەن بولدى؛ 1994- يىلى پۈتۈن كەنتنىڭ سېتىش ئومۇمىي كىرىمى 350 مىليون يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 4000 يۈەن بولدى؛ 1998- يىلىغا كەلگەندە، پۈتۈن كەنتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 613 مىليون يۈەن، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6130 يۈەن بولدى. باجياخۇ كەنتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يىلسېرى يۈكسىلىپ، ئۆزىگە خاس «باجياخۇ ئۆرنىكى»نى ياراتتى. 

 1999- يىلى، ئاپتونوم رايون مەخسۇس تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، باجياخۇ كەنتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بىرىنچى بېتىدىكى باش ئىستونغا «كوللېكتىپ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئورتاق بېيىشقا، مەدەنىيلىككە يۈزلىنىش − <شىنجاڭدىكى 1- كەنت> باجياخۇ كەنتىنى تەكشۈرۈش» دېگەن خەۋەر بېرىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈنكى باجياخۇدا دېھقان ئائىلىلىرىدە رەڭلىك تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىقلار ئومۇملاشتى. %50 كىشى چىرايلىق بىنادا ئولتۇرىدۇ، %5 كىشى پىكاپ سېتىۋالدى، ئۈچتىن بىر قىسىم دېھقان ئائىلىسى پىروگراممىلىق تېلېفون ئورناتتى، ھەممە ئائىلىنىڭ خېلى كۆپ ئامانەت پۇلى بار.» 

 20- ئەسىرنىڭ 80- ، 90- يىللىرىدا كۆپ قېتىم باجياخۇ كەنتىنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرىمىز جاڭ چۇاڭداۋ ئەسلەپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: باجياخۇ كەنتىدە كىشىلەر دەسلەپتە بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى، بىر نەچچە يىلدىلا قاتار- قاتار بىنالار قەد كۆتۈردى. «داگېدا» يان تېلېفونى بازارغا سېلىنىشىغىلا، باجياخۇ كەنتىدىكى نۇرغۇن كىشى سېتىۋالغانىدى. 

 باجياخۇ كەنتى مۈلۈكچىلىك، ساھە، رايون ھالقىغان ئىقتىسادىي بىرلىشىشنى يولغا قويۇپ، تەيۋەنلىك سودىگەر بىلەن شېرىكلىشىپ شىنجاڭ باجياخۇ ئاليۇمىن ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، 3- كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باجياخۇ پولات تۇرۇبا زاۋۇتىدىن ئىبارەت كەنتتىكى ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى كوللېكتىپ كارخانىنى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتى... باجياخۇ كەنتى باشتىن- ئاخىر ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات داۋامىدا تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2000- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «<شىنجاڭدىكى 1- كەنت> بازاردا سەركىلىكنى تالاشتى» دېگەن خەۋەردە مۇنداق يېزىلغان: «تۈزۈم ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قۇرۇلغان باجياخۇ <لىڭۋەن> تۇرۇبا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر يىللىق پايدىسى، بېجى تۈزۈم ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرىكىدىن %40 ئاشتى.»  

2000- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنى بېيىشقا يېتەكلەش» دېگەن خەۋەردە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «خې جەنشەن: <شىنجاڭدىكى 1- كەنت>نىڭ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇپ، قارىشىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنى يېتەكلەپ بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمەن، دېدى».  2003- يىلى، «كەنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاھالە كومىتېتى قۇرۇش»نىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، باجياخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى بەش مەھەللىگە تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، باجياخۇ كەنتى قۇرغان كارخانىلارنى كارخانىلار قوشۇۋالدى ياكى پايچىلار سېتىۋالدى. خې جەنشەننىڭ گېپى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ئىدى. ئەمما، باجياخۇ كەنتىنىڭ كۆپ يىل كارخانا قۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، «كەنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاھالە كومىتېتى قۇرۇش»تىن كېيىن، يەنىلا كۆپ قىسىم باجياخۇلىقلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياكى شىركەت ئېچىش يولىنى تاللاپ، بازار ئىگىلىكى دولقۇنىدا داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. 

 ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتتى. ھازىر ئەسلىدىكى باجياخۇ كەنتىنىڭ كونا ئورنىغا كەڭ يوللار ياسالدى، رەت- رەت بىنالار سېلىندى. يېقىندا مەن ئۈرۈمچى شەھىرى يىنچۈەن يولىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنادىكى ئۆيدە 73 ياشلىق خې جەنشەن بىلەن كۆرۈشتۈم، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭغا قاتناشقان، شاھىت بولغان بۇ داڭلىق ئەرباب ئىلگىرىكى تۆھپىلىرىنىڭ نامايەندىسى بولغان مېداللارنى سىلاپ تۇرۇپ، قايناق ھېسسىياتلىرى ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ يىللارنى ئەسلەپ، چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، نەدىمۇ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولاتتى!
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى