قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زىرائەت دوختۇرى ـ سۈن گۇاڭپىڭ

2018-08-13 18:51:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدى مەزگىلىدىمۇ ئۇ بىكار قالمايدۇ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ھەم دېھقانلىرىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا مۇتەخەسسىسى ھەم دېھقانلىرىمىزنىڭ سىردىشى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىساق خاتالايمايمىز!» بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى ئاقتېرەك كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى سۈن گۇاڭپىڭنى ئەنە شۇنداق ماختىشاتتى. مۇشۇ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئاقتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى فەن شياڭۋېي مۇنداق دېدى:«دېھقانلارنىڭ قەلبىدە، سۈن مۇدىر كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياخشى باشلىقى، يەنە زىرائەتلەرنىڭ ياخشى دوختۇرى»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈن گۇاڭپىڭ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «دېھقانلارغا ئۈلگە كۆرسىتىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش» ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، كۆپچىلىك ئۇنى يېقىنچىلىق بىلەن «زىرائەت دوختۇرى» دەپ ئاتايدىغان بولدى. سۈن گۇاڭپىڭ ــ بۇرچىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى. ئۇ بۇلتۇر ئاقتېرەك كەنتىگە كېلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدى. كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش سۈن گۇاڭپىڭنىڭ كۈرەش نىشانى بولۇپ قالدى. ئۇ دائىم دېھقان ـ چارۋىچىلارغا زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قانداق يوقىتىشنى ئۆگىتەتتى، بەزىدە 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر ـ ئىككى سائەت تۇرۇپ سۆزلەيتتى. كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، ئۇ ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، دېھقان ـ چارۋىچىلار دېھقانچىلىق تېخنىكىسىغا ئېھتىياجى بولسىلا، ئۇ دەرھال پەيدا بولاتتى.
دېھقانلارنىڭ ئەنەنىۋى تېرىقچىلىق قارىشى ۋە يىرىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئېتىز بېشى سۈن گۇاڭپىڭنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تۇرىدىغان «ئىشخانىسى»غا ئايلاندى. ئاقتېرەك كەنتىدىكى دېھقان جاۋ شىنلياڭ مۇنداق دېدى:«ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلىشنى دېھقانلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، سۈن مۇدىر ھەقىقەتەن كۆپ كۈچ سەرپ قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈن مۇدىر ھەر بىر ئائىلىگە سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىدى، دېھقانلارغا زىرائەت تېرىشتا تەجرىبىگە تايىنىپلا قالماي، مۇھىمى پەن - تېخنىكىغا تايىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.» بۇلتۇر، سۈن گۇاڭپىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جاۋ شىنلىياڭ زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نەتىجىدە مول ھوسۇل ئالدى. ھازىر جاۋ شىنلياڭ پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. جاۋ شىنلياڭ مۇنداق دېدى:«ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۇ تەرلەپ ئىشلەيدۇ، يامغۇرلۇق كۈنلەردە لاي پاتقاققا مېلىنىپ تۇرۇپ ئىشلەيدۇ. سۈن مۇدىر دېھقانلارغا كۈيىنىدىغان ئادەم.»
قانچىلىك ئەجىر قىلسا، شۇنچىلىك ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سۈن گۇاڭپىڭ بۇرچىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىدىكى تېخنىكلارنى باشلاپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆلىمىنى 420 مىڭ موغا يەتكۈزۈپ، ئوغۇتلاش كۆلىمىنى 300 مىڭ مودىن ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئوغۇتلاش، تېرىش ئەنئەنىۋى قارىشىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. مو بېشى تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى 55 يۈەندىن ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي تۈردە ئوغۇت رېتسىپى ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا باشلىدى. يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا، سۈن گۇاڭپىڭ يەنە ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ۋەزىپە نىشانىنى بېكىتىپ، ھەر يىلى كەنتكە چۈشۈپ، ئېتىز ـ قىرلارغا بېرىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارغا 2 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق يېتەكچىلىك قىلىپ، كېسەللىك، ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تىزگىنلىدى. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش زىيىنىنى 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئازايتىپ، دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ مەھسۇلات ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
سۈن گۇاڭپىڭ تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ يېڭى تېخنىكىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆگىنىشى ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كەنتلەرگە بېرىپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى سورت، يېڭى ئۇقۇملارنى ئومۇملاشتۇردى. ئۇ ئومۇملاشتۇرغان 303 ـ نومۇرلۇق مايلىق ئاپتاپپەرەس، 1ـ نومۇرلۇق مايلىق ئاپتاپپەرەس يېڭى سورتىنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ مودىن ئېشىپ، مو بېشى مەھسۇلاتى 25 كىلوگرام ئاشتى؛ تاۋۇز گازىرىنىڭ يېڭى سورتىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 30 كىلوگرام ئاشتى. «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئازراق تۆھپە قوشۇپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا ياخشى ياردەمچى بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتىلىك ھېس قىلىمەن.» دېدى، سۈن گۇاڭپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى