قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داۋانچىڭ تۇز كۆلى

2018-08-15 18:56:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

داۋانچىڭ تۇز كۆلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر رايونىغا 45 كىلومېتىر كېلىدۇ. تۇز كۆلنىڭ يەر شەكلى پەس بولغاچقا، ئەتراپتىكى تاغلار، ئېگىزلىكلەرنىڭ تۇز تەركىبىنى دەريا- ئېقىنلار، كەلكۈن ۋە يەر ئاستى سۈيى ئېقىپ كېلىپ تەدرىجىي تۇز كۆلگە جۇغلىنىپ، تاتلىق سۇ كۆلى بىلەن قوشنا بولغان تۇزلۇق كۆلنى شەكىللەندۈرگەن. تۇز كۆلنىڭ تۇزلۇق تەركىبى دېڭىز سۈيىنىڭ 100 ھەسسىسىگە يېتىدۇ. تۇز كۆلدە كۆپلىگەن مىنېرال ماددىلار بار، سۇ پارغا ئايلانغاندىن كېيىن كۆل سۈيىدىكى مىنېرال ماددىلار چۆكمە ھاسىل قىلىپ، قاردەك ئاپئاق مەنزىرە شەكىللىنىپ، شورلۇق ساھىلدىن ئىبارەت گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولغان.

▲ داۋانچىڭ تۇز كۆل مەنزىرە رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى 10 مەنزىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئوچۇقچىلىقتىكى لەيلىمە تۇزلۇقنى ئاساس قىلغان، تۇز مۇنچىسى، تۇزلۇق، تۇز تېغى مەنزىرىسى، تۇز يولى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، تۇز كۆل مەنزىرە باغچىسى، بېلىق تۇتۇش مەركىزى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلغان چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

▲ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، داۋانچىڭ رايونىدا تۇز كۆل مەنزىرە رايونىدىن باشقا يەنە بەيشۈي قەدىمى بازىرى، تيانشان ياۋايى ھايۋاناتلار باغچىسى، دۇڭگۇ يېزىسى جىلغىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورمان پىيادىلەر يولى، شىگۇ جىلغىسى، چاقپەلەك دۇنياسى، سەيۋوپۇ لازا ئارىلاشتۇرۇلۇپ قورۇلغان توخۇ قوردىقى كوچىسى قاتارلىق مول ساياھەت بايلىقلىرى بار؛ ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىمۇ نۇرغۇن دالا كۇلۇبلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى