قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولى يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ئۆتۈشتە چىڭ تۇردى

2018-08-16 17:21:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

_7-ئايدا ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈر يول لىنىيەسىدە يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 كە يېقىن ئاشتى

8- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 12دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ ئالتۇنتاغ تونېلىغا كىرىش ئېغىزى بىلەن 1- نومۇرلۇق يانتۇ قۇدۇق تۇتىشىدىغان ئۇدۇل تونېلنىڭ كىچىك مۇساپىسى(گولمۇد) يۆنىلىشى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، لايىھەدىكى قۇرۇلۇش مۇددىتىدىن 76 كۈن بۇرۇن تاماملاندى 

(ۋاڭ شياۋيۈ فوتوسى)

مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار لىنىيەسىدە 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزى قاتنىغانلىقىغا 40 كۈن بولغان كۈن. 40 كۈندىن بۇيان، 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزى تىرانسپورتىنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى خۇشاللاندۇردى.  جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆ چېڭشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7- ئايدا ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 كە يېقىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزى بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. 

 شەرقىي جۇڭغار رايونىنىڭ كۆمۈر زاپاس مىقدارى مول، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 264 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى تاق لىنىيەلىك تۆمۈريول بولۇپ، لىنىيەنىڭ تولۇق يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارى كۈنىگە 28 جۈپ يۈك پويىزىنىڭ قاتنىشىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، لېكىن بۇ شەرقىي جۇڭغار رايونىدىكى كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان تىرانسپورت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ يىل ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى 35 مىليون توننىلىق ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك يەتكۈزۈش مىقدارىدىكى ئەڭ چوڭ تۆمۈريول لىنىيەسىگە ئايلاندى، ئۇنى شىمالنىڭ كۆمۈرىنى جەنۇبقا توشۇش، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى «ھاياتلىق لىنىيەسى» دېيىشكە بولىدۇ. تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشتا، 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنى ماڭدۇرۇش ئەڭ ياخشى ئەندىزە بولۇپ قالدى. 

 يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۈنۈمنى كۆزلەشكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. 

 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنى ماڭدۇرۇش شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ كۆپلىگەن يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئىچىدىكى بىرى. شۆ چېڭشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10 مىڭ توننىلىق بىر يۈك پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 5000 توننىلىق ئىككى چوڭ پويىزنىڭ قاتنىغىنىغا باراۋەر، تۆمۈريولدا ئارىلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئىلگىرىكىدىن 1.5 ھەسسە ئاشىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، 10 مىڭ توننىلىق بىر يۈك پويىزى 200 يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىغا باراۋەر كېلىدۇ، مۇھىت ئاسراش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 

 شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 2016- يىلىدىن باشلاپ «ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىدە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، شىخەنزىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي تىرانسپورت قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پائال يېڭىلىق يارىتىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوماندانلىق قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، سۆرەش تۇراقلىق سانىنى ئۆستۈرۈش، پويىزنىڭ كېسىشىش يوللىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەۋرىيلىك توشۇشنى تەشكىللەش، پويىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۈك تىرانسپورت تىجارىتى ئىستراتېگىيەسىدە زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

 يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈم ياراتتى، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى- شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت مىقدارى تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي تىرانسپورت مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %42 كە يەتتى. بۇ يىل شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يىللىق يۈك يەتكۈزۈش مىقدارى پىلانىنىڭ 127 مىليون 400 مىڭ توننىسى ئورۇندىلىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى