قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىملىرى

2018-08-25 22:21:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگودىكى توي مۇراسىملىرىدىن جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى قايدە- يوسۇنلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇڭگودىكى ئەجداتلار گۇگۇم مەزگىلىنى ياخشى ۋاقىت، دەپ قارىغاچقا، گۇگۇم ۋاقتىدا توي مۇراسىمى قايدە- يوسۇنلىرىنى ئېلىپ بارغان. شۇڭا، توي- تۆكۈن مۇراسىمىنى خەنزۇ تىلىدا گۇگۇم سۆزىنى بىلدۈرىدىغان «خۇاڭخۇن» سۆزىدىكى «خۇن» سۆزىگە «لى» يەنى مۇراسىم سۆزىنى قوشۇپ «خۇنلى» يەنى «توي مۇراسىمى» دەپ ئاتىغان. كېيىن بۇ سۆز ئالدىغا يانداشما بۆلەكنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھازىرقى «خۇنلى» دېگەن خەت شەكلىگە كەلگەن. جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن قىزىل رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، قىزىل رەڭنى ياخشىلىقنىڭ سىمۇۋۇلى، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئەنئەنىۋى توي مۇراسىملىرىدا قېنىق قىزىل رەڭنى توي خۇشاللىقى، قىزغىن كەيپىيات ھاسىل قىلىشتىكى ئاساسلىق ئامىل قىلغان. بەخىت- سائادەت، ياخشى تىلەك، ۋاپادارلىق قاتارلىقلار توي مۇراسىمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولۇپ، توي مۇراسىمىدىكى ھەر بىر قايدە- يوسۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ پەلسەپەۋى ئىدىيىسىنى نامايەن قىلغان.
جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىملىرى خۇشاللىققا تولغان مۇراسىم. شۇڭا، ئۇ تەبرىكلەش مۇراسىمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. توي مۇراسىمى پۈتۈنلەي بەخىت- سائادەتنى ئىپادىلەيدىغان توي مۇراسىم بويۇملىرى بىلەن زىننەتلىنىدۇ. توي مۇراسىمىدىكى «خۇشاللىق» دېگەن يوغان قىزىل خەتنى چاپلاش، كېلىنچەكنىڭ يۈزىنى قىزىل ياغلىق بىلەن يېپىش، قىزىل كۆينەك كىيىش، يىگىتنىڭ مەيدىسىگە قىزىل لېنتا تاقاش قاتارلىق قىزىل رەڭلىق قۇت بويۇملار توي مۇراسىمىغا خۇشاللىق كەيپىياتى ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە يېڭى توي قىلغان ئەر- خوتۇنلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا بولغان تىلەكداشلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا جۇڭگوچە توي مۇراسىمىدا چوقۇم تەييارلاشقا تېگىشلىك بويۇملار قايسىلار؟
تەختىراۋان--- توي تەختىراۋىنى تۆت ئادەم كۆتۈرىدىغان، سەككىز ئادەم كۆتۈرىدىغان ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇ يەنە ئەجدىھا تەختىراۋان، سۇمرۇغ تەختىراۋان قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. تەختىراۋاننىڭ گەۋدىسى قىزىل، ئۈستى يېشىل رەڭدە بولۇپ، ئۈستىگە ئەجدىھا، سۇمۇرغ شەكلى چىقىرىلىدۇ، تۆت بۇلۇڭىغا بۇغداي باشىقى ئېسىلىدۇ.
تويغا قاتناشقۇچىلاردۇمباق چېلىپ، كۈنلۈك، يەلپۈگۈچ كۆتۈرۈپ مېڭىش؛ توي كۆچۈرۈش ئەترىتى ئىچىدە تەختىراۋان ئالدى تەرەپتە ماڭىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل توي كۆچۈرۈش جەريانى ناھايىتى قىزغىن ۋە ھەيۋەتلىك ئېلىپ بېرىلىدۇ.
پوجاڭزا--- توي كۆچۈرۈش ئەترىتى يولبويى پوجاڭزا ئېتىپ، توي شاتلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
تاج ۋە زەرگون يەنى ئېسىل، ھەشەمەتلىك تويلۇق كىيىم-- قىزىنىڭ تويىنى قىلىدىغان ئائىلە مەيلى نامرات ياكى باي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تويلۇق كىيىمگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك چاپان، پۇتىغا كەشتىلەنگەن قىزىل ئاياق كىيىپ، بېلىگە پۆپۈكلۈك لېنتا ئاسىدۇ. ئاستى تەرەپكە كەشتىلەنگەن رەڭلىك كۆڭلەك كىيىدۇ. بېشىغا پۆپۈك، مەرۋايىت، قاشتېشى، يىپەك قاتارلىقلار بىلەن زىننەتلەپ توقۇپ چىقىلغان «سۇمۇرغ تاج» تاقايدۇ. مۇرىسىگە ھەر خىل قۇتلۇق بەلگىلەر كەشتىلەنگەن كىمخاب «رەڭلىك يېپىنچا» ئارتىدۇ.
چۈمپەردە--- قەدىمدە كېلىنچەك ئۇچىسىغا سۇمرۇغ يېپىنچا  كيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بېشىغا قىزىل رەختتە چۈمپەردە ئاسىدۇ. بۇ خىجىلچانلىق، يامانلىقتىن ساقلىنىش، قىزىل رەڭ ئارقىلىق بەخىت- سائادەت تىلەش دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. كېلىنچەكنى كۆچۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يىگىت ئۆز قولى بىلەن قىزىل چۈمپەردىنى ئاچىدۇ.
 ئىگەر--- ئىگەر سۆزى خەنزۇ تىلىدا «مائەن» دېيىلىدىغان بولۇپ، بۇ «تىنچ- خاتىرجەملىك» نى بىلدۈرىدىغان «پىڭئەن» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولغاچقا، ئاخىرغىچە «تىنچ- خاتىرجەم» بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا يىگىت قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىدىغان ئۆينىڭ بوسۇغۇسىغا قويۇلۇپ، كېلىنچەك ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتىدۇ. بۇ «كېلىنچەك ئىگەرنى ئاتلاپ ئۆتتى، بىر ئۆمۈر تىنچ- خاتىرجەم بولدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئوت دېسى--- دەرۋازىغا قويۇپ قويۇلىدىغان بىر داس ئوتنى كېلىنچەك ئاتلاپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ «تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئوتتەك قىزغىن، داغدۇغىلىق بولۇش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
 گۈل شام--- توي كۈنى ئىككى يوغان قىزىل شام يېقىلىپ، بىرسى مەرىكە زالىغا، يەنە بىرى توي كۆچۈرۈلىدىغان ئۆيگە يېقىپ قويۇلىدۇ. بۇ «مال- دۇنيا كۆپىيىش، بېيىش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قەدىمدە «گۈل شام» دەپ ئاتىلىدۇ.
تارازا چوكىسى--- توي تۈگەپ قىز- يىگىت ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كەلگەندىن كېيىن، يىگىت تارازا چوكىسى بىلەن كېلىنچەكنىڭ قىزىل چۈمپەردىسىنى قايرىپ ئاچىدۇ. بۇ «كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، مۇرادىغا يەتمەك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
توي تەختىراۋىنى توغرىسىدا توختالغاندا، بىز ئاپتوموبىللار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئاپتوموبىل روللس رويىس ئاپتوموبىلىغا ئوخشاش تەختىراۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل تەختىراۋان--- ۋەنگۇڭچىياۋ تەختىراۋىنى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
ۋەنگۇڭچىياۋ تەختىراۋىنى--- چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا بارلىققا كەلگەن نىڭبو تەختىراۋىنى. ئۇنىڭ ياسىلىشىغا ئون مىڭ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، قەدىمدە ئۇنى «تۈمەن ئىش ۋاختى تەختىراۋىنى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ۋەنگۇڭچىياۋ» دېگەن نام بىلەن ئاتىغان. ۋەنگۇڭچىياۋ تەختىراۋىنى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ھەممە يەرىگە نەقىش ئويۇلىدۇ. ئالتۇن رەڭدە ھەل بېرىلىدۇ. ئۇ يەتتە بۆلەككە بۆلىنىدىغان بولۇپ، بەش كىشىلىك ئورۇن بار جاي ئاساسىي بۆلەك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئۇششاق پارچە بۆلەكلەرنى قۇراشتۇرۇشتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ياسىلىش جەريانىدا باشتىن- ئاياغ بىر تالمۇ مىخ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنداق تەختىراۋان چوقۇم سەككىز ئادەم كۆتۈرىدىغان تەختىراۋان بولۇپ، نىڭبودىكى بايلارنىڭ قىزلىرى ياتلىق قىلىنغاندا ئولتۇرىدۇ.
 زىننەتلەنگەن تەختىراۋان خۇددى سۇمرۇغنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، يېشىل قۇش پېيى بىلەن زىننەتلەنگەن تەختىراۋاننىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى يىراقتىن قارىغاندا ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، سۇمرۇغنىڭ تاجىغا ئوخشايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەندۇڭلۇق بىر باينىڭ ئۆيىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ۋاقىتتا موشۇ تەختىراۋان ئىشلىتىلگەن.
 بىر مۇكەممەل بولغان جۇڭگوچە توي مۇراسىمىدا ھەم جۇشقۇن ياشلىق، ھەم ئەنئەنىۋى گۈزەللىك تۇيغۇسى بار. گۈزەللىك تۇيغۇسىغا بولغان بۇ ئۇقۇم ئاللىقاچان مەدەنىيەت قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، غەرپنىڭ سەنئەت ئىلمىغا سېلىشتۇرغاندا، كىشىگە تېخىمۇ يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. شۇڭا، پات ئارىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ياشلار تېخىمۇ ئېسىل ۋە ئەھمىيەتلىك جۇڭگوچە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى