قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراشەھەر ناھىيىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى باشلاندى

2018-08-29 13:02:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈزۈم ھارىقى بايرىمىدا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، قارا شەھەر ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى نامايەن قىلىنىپ، قىزىل ھاراق ماكانىنىڭ نام كارتىسى تېخىمۇ داڭق چىقاردى.
قاراشەھەر ناھىيەسىدىكى 100 مىڭ مو يېشىل زىيانسىز ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئورگانىك ئۈزۈم بازىسى، 28 كارخانىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. ھاراق زاۋۇتىنىڭ ھاراق ئېچىتىش سېخىدىن 15ى بار بولۇپ، يىللىق پىششىقلاپ ئىشلەش مىقتارى 35 مىڭ لېتىرغا يېتىپ، «شياڭدۇ»، «تيەنسەي»، «جوڭفېي» قاتارلىق ئۈچ ھاراق زاۋۇتى ۋە «شيەنيەن»، «يۈەنسىن»، «خەيخەي» قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ھاراق ئىشلەش سېخلىرى ۋەكىللىكىدىكى «ئۈچ چوڭ 12 كىچىك» ھاراق زاۋۇتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى. قاراشەھەر تەۋەسىدىكى ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرى نۇرغۇن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 272 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئەڭ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ناھىيە دەرىجىلىك ھاراق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇپ قالدى.   قاراشەھەر ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قاراشەھەر ناھىيەلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىڭ مۇنداق دېدى: قاراشەھەر ناھىيەسى ئۈزۈم ھارىقى بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۈزۈمزارلىقنى سەيلە قىلىش، ئۈزۈم ئۈزۈش مۇسابىقىسى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ساياھىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، قاراشەھەر ئۈزۈمچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى ۋە نامايان قىلدى. قاراشەھەر ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش رايونى ئۈزۈم ھارىقى ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىستىراھەت ئۈزۈم ھارىقى كەسپى كەنتى ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، قاراشەھەر ناھىيەسى ۋە قاراشەھەر ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، داڭقىنى چىقاردى. قاراشەھەر ناھىيەسى بۇ يىل ساياھەتكە مەدەنىيەت، پائالىيەتنى ماسلاشتۇرۇش ئەندىزىسى بويىچە قارا شەھەر رايون ساياھىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى ساياھەتچىلىكى ھەتتا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ جانلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى