قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فار- فور بۇيۇملار-- جۇڭگونىڭ گۈزەللىك مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا ۋەكىللىكىگە يۈزلىنىشى

2018-09-04 16:37:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىنگلىز تېلىدا دۇنيادا فار- فۇر بۇيۇملارنىڭ جۇڭگو دېگەن نام بويىچە china دەپ ئاتايدۇ، جۇڭگومۇ بۇنىڭغا «باشقىچە پىكىردە ئەمەس»، بۇ بەلكىم ئىككى تەرەپنىڭ فار- فۇر بۇيۇملارنىڭ دۇنياۋى مەدەنىيەت ئەھمىيىتىگە بولغان يۈكسەك ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلغانلىقى بولۇشى مۈمكىن.

ساپال بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈپ ياساشتا، ئىنسانلار بىردەكلىك ھاسىل قىلغان، لېكىن فار- فۇر بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈپ ياسىغىلى بولىدىغان كەشپىيات ھوقۇقى پۈتۈنلەي جۇڭگولۇقلارغا مەنسۇپ. شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان فار- فۇر بويۇملار ئېلىمىزنىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ 9- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، يەنى تاڭ سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن باشلاپلا كەڭ كۆلەمدە چەتئەلگە توشۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەينى چاغدا، جەنۇبى جۇڭگونىڭ زەڭگەر فار- فۇر بويۇملىرى، شىڭنىڭ ئاق فار ـ فۇرلىرى، چاڭشانىڭ يېشىل فار- فورلىرى ۋە ئۈچ رەڭلىك تاڭ ساپىلى قاتارلىقلار «يىپەك يولى»، بولۇپمۇ «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» ئارقىلىق بۇ رايونلارغا زور مىقداردا توشۇلغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆججەت- ماتېرىياللار جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملارنى سىرتقا چىقىرىش ئىشلىرىنىڭ سۇڭ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىككى دەۋىر خاندانلىقىنىڭ زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشى ۋە ئىلھام بېرىشىدە تېز تەرەققىي قىلىپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى. ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ دۇنيا بازىرىنى يۈز يىل ئىگىلەشتەك شانلىق تارىخى ئاخىرلاشتى.

جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملارنى چىقىرىش لىنىيەسى ۋە دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئومۇمەن يېقىندىن يىراققا، كىچىكتىن زورىيىدىغان لىنىيە بويىچە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن بۇرۇن، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرى ئاساسلىق شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا توشۇلغان، مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې، شۈەندې يىللىرىدا، جېڭ خې گەرچە يەتتە قېتىم غەربكە بارغان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. دەرۋەقە، «سۇ بويىدىكى راۋاققا ئاي شولىسى بالدۇر چۈشىدۇ» دېگەندەك، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ چاۋشيەن ۋە ياپونىيەگە توشۇلۇش ۋاقتى تېخىمۇ بالدۇر، تۈرى تېخىمۇ تولۇق، مىقدارى تېخىمۇ كۆپ بولغان.

جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ كۆپ مىقداردا ياۋروپاغا توشۇلۇشى تەخمىنەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان. بۇ ياۋروپادىكى دېڭىز قاتنىشى ئالىملىرىنىڭ 1492- يىلىدىن 1522- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يېڭى دېڭىز يولى ئېچىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېڭى دېڭىز قاتنىشى يولىنىڭ ئېچىلىشى «دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى» نى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى ۋە ئۇزارتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكا قىتەسىگە توشۇلۇشى كۈنسېرى كۈچىيىپ باردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېڭىدىن ئېچىلغان دېڭىز يولىنى پاسىل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنى سىرتقا چىقىرىش تارىخىنى ئالدىنقى ۋە كېيىنكى ئىككى دەۋرگە ئايرىشقا بولىدۇ، بۇ ئاددىي ھالدا جۇڭگو تارىخىدىكى سۇلالىلەر بويىچە ئايرىشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق.

مەھسۇلات تۈرى جەھەتتىن ئېيتقاندا، فار- فۇر بۇيۇملارنى چىقىرىشتا «پۈتۈن تۈر بويىچە چىقىرىش» ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ھەتتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بازار ئوتتۇرىسىدا ئاساسەن ماس قەدەمدە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. فار- فۇر بويۇملارنى چىقىرىش تۈرىنىڭ ئۆزگىرىشىدە، 14- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە يەنى يۈەن سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ سىرتقا چىقىرىدىغان فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ تۈرلىرى زەڭگەر، ئاق، كۆك، ئاق فار- فۇر قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاددىي رەڭلىك ساپال بۇيۇملارنى ئاساس قىلغان. بۇ تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئىشلەنگەن ساپال بۇيۇملارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي ماس كېلىدۇ. يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆك گۈللۈك فار- فۇرلار پىشىپ يېتىلگەندىن باشلاپ، رەڭلىك فار- فۇرلار ئاستا- ئاستا تاق رەڭلىك فارفۇرلاردىن ئېشىپ كېتىپ، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملارنى سىرتقا چىقىرىشتىكى ئاساسلىق كۈچىگە ئايلانغان. ياۋروپادىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى مۇزېيلاردا كۆپ مىقداردا كۆك گۈللۈك فار- فۇر بۇيۇملار ساقلانغان، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە مەخسۇس ياۋروپا بازىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان سىرتقا سېتىلىدىغان فار- فۇر بويۇملار، مەسىلەن: كلارك فار- فورى، «جۇڭگو يىۋەنلى فار- فۇر» قاتارلىقلارنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ كۆك گۈللۈك فار- فۇر بولۇپ، دۇنيانىڭ رەڭلىك فار- فۇر بويۇملار دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

فار- فۇر بۇيۇملارنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ۋە گۈزەللىككە ئىگە بولۇشتەك قوش ئالاھىدىلىكى، فار- فۇر بۇيۇملارنى سىرتقا چىقىرىش سودا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان، ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۆپىنچە سودا ۋاسىتىسى ۋە يولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشى، ئەمەلىيەتتە فار- فۇر بۇيۇمدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تاۋارنىڭ سودا ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، كۆلىمى مىسلىسىز بولغان بىر قېتىملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ھاسىل قىلغان.

جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملار كەشپىيات دۆلىتى بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ چوڭقۇر «قاشتېشى مەدەنىيىتى» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شۈ شېن «چۈشەندۈرۈش لوغىتى» دە قاشتېشىنى تۇنجى قېتىم «تاشلار ئىچىدىكى ئەڭ گۈزىلى» دەپ چۈشەندۈرگەن. فار- فۇرنىڭ «قاشتېشىغا ئوخشايدىغان» گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى باشتىن- ئاخىر مەۋجۇت. شۇڭا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، فار- فۇر بۇيۇملارنى چىقىرىش بىر خىل جۇڭگوچە ئېستېتىك مەدەنىيەتنى چىقىرىش ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ نەپىس فار- فۇر بۇيۇملىرى جۇڭگو خان ئوردىسى تەرىپىدىن ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە ياۋروپا خان جەمەتىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن. يەنى پورتۇگالىيە پادىشاھى مانۇئېل 1- نىڭ مىڭ سۇلالىسى جىڭدې دەۋرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان كۆك گۈللۈك چۆگۈنى بار ئىدى، ئىسپانىيە پادىشاھى چارلىز 5- ۋە فېلىپ 2- ئاتا- بالا جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يۈرۈش نەپىس فار- فۇر بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلىغان، فىرانسىيە پادىشاھى فرانسىس 1- ھەتتا پورتۇگالىيە قاتارلىق جايلاردا ۋاكالەتچى تەسىس قىلىپ مەخسۇس جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىنى يىغقان...... خان جەمەتىنىڭ ئۆيىگە جۇڭگونىڭ ساپال بۇيۇملىرىنى تىزىش ياۋروپادا مودا بولغان بولۇپ، 17-، 18- ئەسىرلەردە گوللاندىيەنىڭ تىنچ رەسىملىرىدە جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرى جابدۇق قىلىنغان؛ ئەنگلىيەلىك يازغۇچى دېفوئىنىڭ ھەتتا «جۇڭگونىڭ لوڭقىسى بولمىغان ئۆي بىرىنچى دەرىجىلىك تۇرالغۇ ھېسابلانمايدۇ» دېگەن ھۆكۈمىمۇ بار. ئېنىقكى، فار- فۇرغا مۇناسىۋەتلىك گۈزەللىك بىر خىل دۇنياۋى گۈزەللىك قارىشى بولۇپ قالغان.

تارىخ ئىسپاتلىدىكى، مەيلى ماددىي مەدەنىيەت ياكى مەنىۋى مەدەنىيەت بولسۇن، كەڭ ھەم چوڭقۇر بولغان رايون سىرتىدىكى ئالاقە، ئۇنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى ساقلاشتىكى مۇھىم ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، يەنە چەتئەلنىڭ ئېستېتىك مەدەنىيىتىمۇ جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەگەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرى چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ، چەت ئەل مەدەنىيىتى جۇڭگو فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى، شەكلى، بېزەكلىرى قاتارلىقلارغا زور ھەم بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن. كۆك گۈللۈك فار- فۇر چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ۋۇجۇتقا كەلگەن فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ يېڭى تۈرى. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگە كەلگەندە، ياۋروپا بازىرىنىڭ غايەت زور ئەكس تەسىرىدە، جۇڭگونىڭ فار- فۇر بۇيۇملىرىدا ياۋروپانىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ، ئېمال فار- فۇر، رەڭلىك فار- فۇر قاتارلىقلار مەيدانغا كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ مەھسۇلى. روشەنكى، رايون سىرتىدىكى مەدەنىيەت جۇڭگونىڭ فار- فۇر مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، جۇڭگو فار- فۇر بۇيۇملىرىنىڭ ئېستېتىك يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگونىڭ رەڭلىك فار- فۇر مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇمۇ فار- فۇر بۇيۇملارنى سىرتقا چىقىرىش تارىخى تەتقىقاتىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم مەزمۇن.

1 مىڭ 800 يىللىق فار- فۇر بۇيۇملار كۆيدۈرۈش تارىخى جۇڭگودا ياسىلىش مۆجىزىسىنى ياراتتى؛ مىڭ يىللىق فار- فۇر بۇيۇملارنى سىرتقا چىقىرىش تارىخى جۇڭگو مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش رىۋايىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، فار- فۇر مەدەنىيىتى، فار- فۇر بۇيۇملارنى چىقىرىش تارىخىغا ئوبيېكتىپ باھا بىرىلىپ ھەم ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىش بېرىش دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان دىيىشكە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى