قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خەنجۇڭ شەھىرى

2018-09-04 16:45:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى چىنلىڭ تاغ تىزمىلىرىغا تۇتاش، جەنۇب تەرىپى باشەن تېغىنىڭ يانباغرىدىكى خەنجۇڭ كىشىلەر تەرىپىدىن «خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئانا ماكانى» دەپ ئاتىلىدۇ. يۈ چىيۇيۈ ئىلگىرى بۇ يەرگە بارغان ۋاقتىدا: «مىنىڭ مىللىتىم خەنزۇ، مەن خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيمەن، خەنزۇ يېزىقىدا خەت يازىمەن، بۇ ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ بىر ئۇلۇغ خاندانلىقىمىز بولغانلىقىدىن، يەنى-- خەن سۇلالىسىنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان. خەن سۇلالىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر بازار بولغان، ئۇ بولسىمۇ خەنجۇڭ بازىرى. بۇ يەرنىڭ تاغ- سۇلىرى تارىخ بولۇپ قالدى، بۇ تارىخ بولسا بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ھېكايىسىگە ئايلاندى» دېگەن ئىكەن.

بۇ يىل 9- ئايدا، بۇ جاي پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققەت- ئېتىبارىنى قوزغىغۇسى. 2018- يىللىق دۇنيا ساياھەت گۈزىلىنى تاللاش يەر شارى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى خەنجۇڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئامېرىكا، ۋېنېسۇئېلا، فىرانسىيە، بىرازىلىيە، روسىيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن گۈزەللەر خەنجۇڭغا يىغىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا خەنجۇڭنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تاغ- دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

2 مىڭ 300 يىللىق تارىخ بۇ جايدىكى ھەر بىر سۇڭ يەردە پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ ماڭغان. بۇ جاي-- خەن سۇلالىسى پادىشاھى ليۇ باڭنىڭ خەن سۇلىسىغا ئاساس سالغان جايى. بۇ جاي-- جۇ گېلياڭنىڭ ئالتە تەرەپلىك سەپ تۈزۈپ ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى. بۇ جاي-- «يىپەك يولى» نى ئاچقۇچى جاڭ چىيەننىڭ يۇرتى. بۇ جاي-- قەغەز ياساش تېخنىكىسىنىڭ كەشپىياتچىسى سەي لۈن دەپنە قىلىنغان جاي. بۇ جايدا-- «شياۋ خېنىڭ ئايدىڭدا خەن شىننى قوغلىشى» ناملىق داستان بارلىققا كەلگەن. بۇ جاي-- جاڭ لياڭنىڭ «ئۆي ئىچىدە پىلان تۈزۈپ، مىڭ چاقىرىملىق يىراقلىقتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش» تىكى ئاياغ ئىزلىرى قالغان جاي.

خەنجۇڭنىڭ تۆت پەسلى ئېنىق، كىلىماتى ئىللىق ۋە نەم، شەيئىلەر تۈرلىرى كۆپ. بۇ جاي يەنە مۈشۈكئېيىق كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي. قىزىل ئىبىس قۇشىنىڭ ئېسىل ماكانى. سېرىق يايلىق مايمۇن، بۆكەن، كالا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ياشاپ كۆپىيىدۇ. بۇ جاي سىچۈەن، گەنسۇ، شەنشى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىدە ھەم بىر تۈرلۈك ئىپتىدائىي مەردانىلىق بار ھەم سىچۈەن ئۆلكىسىدە بار بولغان خاس گۈزەللىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن.

خەنجۇڭ مىڭ يىللىق پارلاق خەنزۇ مەدەنىيىتىنى يارىتىپلا قالماستىن، يەنە تەبىئەت ئاتا قىلغان گېئولوگىيىلىك خارابىلەرگە ئىگە. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرى، بىر پارچە 49 تەبىئىي ئازگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ئۇچرايدىغان تەبىئىي ئازگاللار توپى بۇ يەردە بايقالدى. ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا، بۇ جاي جانلىقلار تەتقىقاتىنى ئىپتىدائىي ئەۋرىشكە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يەرنىڭ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى كىشىنى تەلپۈندۈرىدۇ.

بۇ قېتىمقى دۇنيا ساياھەت گۈزىلىنى تاللاش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ساياھەتچىلەر يەنە 10- ئايدىن باشلاپ خەنجۇڭنىڭ شىڭخەن شېڭجىڭدا خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئاساسىي تېما قىلغان ئۆي ئىچى چوڭ تىپتىكى 360 گىرادۇسلۇق چۆكمە ھەقىقىي دېكراتسىيەلىك ئويۇن كۆرەلەيدۇ. يەنە خەن سۇلالىسى كىيىملىرىنى كىيىپ، خەن سۇلالىسى تائاملىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، خەن سۇلالىسى موزىكىلىرىنى ئاڭلاپ، خەت سۇلالىسى ئۇسسۇلىنى كۆرۈپ، ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋىر ھالقىغان كۆرۈنۈشلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى