قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنجىن شەھىرى

2018-09-04 16:46:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىشىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل مەنزىرىلەرگە قارىتا ئەڭ يۇقىرى مەدھىيەلەش سۆزى «ئەڭ نادىر» دېگەندىن ئىبارەت بولسا كېرەك. لىياۋنىڭ پەنجىن «تەبىئەتنىڭ ئەڭ نادىر ئەسىرى» دېگەن مەدھىيەگە ئەڭ لايىق جاي. پەنجىننىڭ خاس بولغان تەبىئىي مەنزىرىسى پەرقلىق بولغان تۆت پەسىل گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغان. كۈز پەسلىدىكى پەنجىن ئالتۇن باشاقلاردىن ئالتۇنرەڭ كائىناتنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئوتتەك قىزغىن ساھىل ۋە پايانسىز ياپيېشىل قومۇشلۇق بىلەن قوشۇلغان قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلەر ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. ئۇ بىر پارچە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تەسىراتچىلىق ئېقىمىدىكى چوڭ ھەجىمدىكى ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرى قولدىن بېرىپ قويۇشنى ھەرگىز خالىمايدىغان تەبىئىي مەنزىرە.

لياۋنىڭ پەنجىندىكى قىزىل دېڭىز ساھىلى مەنزىرە رايونىدىكى لياۋخې دەرياسى سەنجىياۋجۇ سۇلۇق يەر باغچىسى قىزىل رەڭلىك سۇۋان ئوتىدىن تەبىئىي مەزىرە ھاسىل قىلغان. سۇۋان ئوتى ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرى ئۈنۈپ، ياز ۋە كۈزدە ئۆسۈپ چىقىدۇ. باش قىشتا قورۇلىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىگە ماس ھالدا ئۈنۈپ، يېشىل تۇرىدۇ. ھەر يىلى 9- ئايدا كۈز كىرگەندە، سۇۋان ئوتى قىزىل رەڭدىن سۆسۈن رەڭگە قاراپ ئۆزگىرىشكە باشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا تۇتىشىپ كەتكەن كۆز يەتكۈسىز قىزىل دېڭىز قىرغىقى مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەسلىدە ئانچە چىرايلىق بولمىغان شورلۇق يەرلەر خۇددى ئىس- تۈتەككە تولغان ئوت مەنزىرىسىگە ئوخشاش گۈللەنگەن مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كۆك ئاسمان ئاستىدىكى ھاياتلىقنىڭ گۈللىنىشى ۋە قىزغىنلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.

كىشىلەر قىزىل دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ بارغاندا قىپقىزىل ئوتقاشتەك سۇۋان ئوتىدىن باشقا، كۆز يەتكۈسىز ئالتۇن باشاقلار ۋە قۇمۇشلۇق مەنزىرىسىنى تويغىچە تاماشا قىلالايدۇ. بۇلار ئاڭلىماققا ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان زىرائەتلەر. بىراق، سىز بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەندە ئاندىن چۈشكە ئوخشاش بۇ گۈزەل ماكانغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىڭىزغا ئەقلىڭىز يەتمەي قالىدۇ. قۇمۇشلۇق كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، پەلەككە تۇتاشقان، ئۇ گاھى شامالغا ئەگىشىپ يىنىك تەۋرەنسە، گاھى سۇ ئۈستىدىكى ئوتلاققا ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىدۇ.

كۈز پەسلىدە مول ھوسۇل ئالىدىغان شال ئېتىزلىرىغا كەلسەك، ئۇ ئالتۇن لىباسنى ئۇچىسىغا ئارتقان بولۇپ، خۇددى ئۈنسىز تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھالەتكە ئوخشايدۇ. شۇنداقلا يەنە مول ھوسۇللۇق مۇقەددەس توتېمغا ئوخشاش كىشى قەلبىنى قايىللىق ھېسلىرىغا تولدۇرىدۇ. ئەسلىدە، ئاددىي ۋە يېقىشلىق بولغان تەبىئىي شەيئىلەردىنمۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان گۈزەل مەنزىرىلەر ئاپىرىدە بولىدىكەن ئەمەسمۇ.

قىزىل دېڭىز ساھىلى يەر شارىدىكى ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۇلۇق يەر باغچىسى بولۇپ، بۇ يەر 200 نەچچە خىل قۇش تۈرىدىكى جانلىقلارنى ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن. بۇ قۇشلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلاردىن-- قىزىل قاشقىلىق تۇرنا ۋە قارا ئېغىز چايكا قاتارلىقلارمۇ بار.

مەشھۇر قىزىل دېڭىز ساھىلى مەنزىرىسىدىن باشقا پەنجىن يەنە لياۋخې دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان. زىچ دەريا تورى يېڭى ۋە مەززىلىك دەريا ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالتۇن كۈز پەسلى دەل قىسقۇچپاقا چوڭىيىپ يېتىلىدىغان پەسىل بولۇپ، سېمىز ۋە تەملىك قىسقۇچپاقا كاتتا زىياپىتى بىلەن گۈزەل مەنزىرە قوشۇلغاندا ساياھەت سەپىرىڭىزدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇپ قالغۇسى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى