قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تېڭچوڭ شەھىرى

2018-09-04 16:46:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تېڭچوڭنىڭ كۈز پەسلى بېيجىڭنىڭ شياڭشەن تېغىدىكى قىزىل يوپۇرماقلاردەك ئۇنداق شاۋقۇنلۇق ئەمەس. ياپونىيەنىڭ قىزىل يوپۇرماق پەسلىگە ئوخشاش ئۇنداق ئاۋاتمۇ ئەمەس. جىمجىتلىق ئىچىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېشىللىقتىن سېرىقلىققا ئۆزگىرىش جەريانىدىكى گىنكو دەرىخى ئورمانلىقى ئىچىدە جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ، بىر چەينەك چاينى دەملەپ، كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت نەپىس ھاياتتىن بەھىرلىنىشمۇ ئەڭ ياخشى دەم ئېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 9- ئايدىكى كۈز پەسلى مەنزىرىسى گەرچە 10- ئايغا ئوخشاش تولۇق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ بولالمىسىمۇ، ئەمما تەكشى سېرىق رەڭدە بولۇپ، ئۆزگىچە چىرايلىق. دەريانىڭ شەرقىدىكى يىنشىڭ كەنتىدە يېشىللىققا پۈركەنگەن گىنكو دەرىخى مېۋىسىمۇ پىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

يىپەك يولى بويىدىكى شۇاڭچېن بازىرىنىڭ خېشۈن قەدىمىي بازىرى-- چاما قەدىمىي يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىڭ يىللىق بوران- چاپقۇنلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن قەدىمىي كەنت. قەدىمىي كوچا بارا- بارا ئۆزىنىڭ مۇلايىم تەرىپىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. تېڭچوڭنىڭ گۈزەللىكى يىنشىڭدا بولۇشتىن باشقا يەنە خېشۈن قەدىمىي بازىرىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان. خېشۈندىكى قەدىمىي كوچىلاردا ماڭسىڭىز ئۆزىڭىزنى خۇددى قەدىمكىلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ، پۇتىڭىز بىلەن ئۆتمۈشنى دەسسەپ ئۆتۈپ، يېنىڭىزدا يىللارنى قالدۇرۇپ، ناھايىتى ئىلگىرىكى زامانلارغىچە قوغلاپ يېتەلىگەندەك ھېس قىلىسىز. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى بىر پارچە خىش- كاھىشتىنمۇ ئۆتمۈشتىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز.

كەچمۇ كىردى. بۇ جاي دۆلىتىمىزدىكى ئارشاڭ ئەڭ كۆپ جاي. خىلۋەتتىكى جىمجىت ئارشاڭ مېھمانخانىسىدىن بىرنى تاللاپ، ئىسسىق تۇمان ئىچىدە راھەتلىنىپ يېتىپ، ئىللىق ئېقىم تېنىڭىزگە شۇڭغۇغان ۋاقىتتىكى ھاياجانلىق تۇيغۇدىن مەستخۇش بولۇڭ. مەيىن شامال يۈزىڭىزنى سىيپاپ ئۆتۈپ، يوپۇرماقلار سۇغا ۋە ئايىغىڭىز ئاستىغا لەرزان چۈشكەندە، تاغنىڭ ئايدىڭ مەنزىرىسىدە جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ، يىراقتىكى شاۋقۇندىن خالىي جىمجىتلىق ۋە پاكىزلىقتىن بەھىرلىنىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى