قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىدىكى يېڭى مەنزىل

2018-09-05 18:04:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلىك تارماقلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرى پىلان بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈزۈش ئارقىلىق ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

▲ 9- ئايدا، جانبۇلاقنىڭ ساپ كۈز ھاۋاسى كىشىگە ئالاھىدە راھەت بېغىشلايدۇ. بۇ يەردىكى قارلىق تاغ، ياپ-يېشىل ئورمان، ئالتۇنرەڭگە كىرگەن بۇغداي ئېڭىزى، ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش دېھقانلار كىشىگە بەئەينى بىر گۈزەل سۈرەتتەك تەسىرات بېرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئالتۇنرەڭ تۈس ئالغان بۇغداي ئېڭىزدا بەس-بەستە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل مەنزىرىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىدۇ. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: بۇرۇن بۇ يەرگە يازدا كەلگەنىدۇق. نۆۋەتتىكى ئالتۈن كۈز-- مول ھوسۇل پەسىلى بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. ھەسەن- ھۈسەن سىيرىلمىسىدا تۇنجى قېتىم ئوينىشىم بولغاچقىمۇ، بەكلا ھاياجانلاندىم. كېلەر قېتىم پۇرسەت بولسىلا تېخىمۇ كۆپ دوستلىرىمنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىمەن .

▲ بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، جانبۇلاق مەنزىرە رايونى 734 مىڭ ئادەم- قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 350 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %30 ئاشتى. جانبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ تېز تەرەققىياتى ئىلمىي پىلانلاشتىن ئايرىلالمايدۇ-ئەلۋەتتە. جانبۇلاق مەنزىرە رايونى دۆلەت A5 دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، ئالدىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنزىرە رايون بوشلۇقىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتتى. شىنجاڭ جانبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى نېڭ دوگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ياسىغان ھەسەن- ھۈسەن سىيرىلمىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشكە تاپشۇردۇق. بىز يەنە ئات مىنىش تۈرىنى كۆپەيتىش، غەربىي ئايلانما لىنىيەسىنى ئېچىش ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ساياھەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتۇرۇپلا قالماستىن، ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىماقچىمىز.

▲ ئىلمىي پىلانلاش-- ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچىسى ۋە باشلامچىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يىغىنىدا: ئالدى بىلەن پىلان بويىچە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى يۇقىرى باشلىنىش، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە تۈزۈشكە يېتەكلەش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ساياھەتچىلىك بايلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ساياھەتچىلىكنى ئىلمىي پىلانلاپ لايىھەلىمەكتە. يېقىنىقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ۋە ئۆي ئاپتوموبىلى ساياھەتچىلىكى گۈللىنىپ، ساياھەتچىلەر سانى زور دەرىجىدە ئاشماقتا.

▲ قاراماي شەھىرى شىمالىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئايلانما لىنىيەسىدىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆي ئاپتوموبىلى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، قاراماي ساياھەتچىلىكىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتتى. ھازىر قارامايدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، دالا پائالىيىتى، ئۆزگىچە يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش- ئارام ئېلىشتەك كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇنىۋېرسال ساياھەتچىلىك بازىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىدى. قاراماي شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇا مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆي ئاپتوموبىل بازىمىزدا 30 تىن ئارتۇق ئۆي ئاپتوموبىلى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بەزى ساياھەت لىنىيەلىرىمىز جۈملىدىن شەيتانكەرەش مەنزىرە رايونىنى لايىھەلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، بىز ئۆي ئاپتوموبىل بېكىتى ۋە رېمونت قىلىش ئورنى تەسىسس قىلىپ، ئۆي ئاپتوموبىلى ھەۋەسكارلىرىنى بىر قىسىم يۈرۈشلەشكەن ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىمەكچىمىز شۇنداقلا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ خىل يېڭى ساياھەت كەسپىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىماقچىمىز.

▲ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش، ئالدىن پىلانلاشتىن ئىبارەت بىر پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، «يىرىك پىلانلارنى بىرىكتۈرۈش» نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «قاتناش- ترانسپورت تەرەققىيات يىرىك پىلانى»، «شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىلانى»، «يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»،« ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش پىلانى» قاتارلىق مەخسۇسلاشقان پىلانلارنى ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈپ، ساياھەت ئېلېمېنتلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە سىڭدۈرۈشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى «2020-يىلىغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 300 مىليون ئادەم- قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالىنى 1 تىرلىيون يۈەندىن ئاشۇرۇش» نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك يىرىك پىلانلارنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنداق دېدى: «يېزا- كەنت ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانى» ۋە «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانى» نى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش؛ قىزىل ساياھەت، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت، ساغلاملىق- كۈتۈنۈش ساياھىتى، ساياھەت تاشيولى، ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىق مەخسۇسلاشقان يىرىك پىلانلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىش ھەمدە قاتناش، خەۋەرلىشىش، سەھىيە، بەلگە، ماي قاچىلاش پونكىتى، ھاجەتخانا قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئادىمىيەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلەرگە ياخشى ساياھەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى