قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھايات ھېكمەتلىرى

2018-09-12 18:04:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئېھتىيات قىلىشنىمۇ بىلىڭ. خالىغانچە باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ، چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس.
سىزنى ئازابلىغان كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى نېمىلا بولمىسا ئۇلار سىزگە ھاياتنى ياكى مۇھەببەتنى ۋە ياكى كەسىپنىڭ مۇھىملىقىنى، قىسقىسى ئۆزىڭىزنى تونۇتقان. ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىڭ. ئۇلار سىزگە دەل ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا، سىز ھازىر پۇت تىرەپ تۇرالىدىڭىز.
ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مۇستەقىل ياشاش، ئىشلاردا مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ، ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇڭ.
   ھەممە بەدەل تۆلەشنىڭ جەزمەن سىز ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، كۆپ ھاللاردا ھاۋاغا سۇنغان قولىڭىزنىڭ قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ. ئەگەر بۇرۇن يالغان سۆزلىگەن بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭغا خاتىمە بېرىڭ.
باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ قايغۇرماڭ. ئۇلارنى تەبرىكلەڭ، ئۇلارنى قوللاڭ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزدا بىر كۆۋرۈك كۆپىيىدۇ.
ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇڭ، ئۆگىنىشنى توختاتماڭ، مەيلى ئۇ تىل ياكى قورۇما قورۇش بولسۇن، ئۆگىنىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. چۈنكى بۇلار ھامان سىزگە ئەسقاتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى