قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى مەملىكەت بويىچە قاتناش ھەممىباب كارتىسى رەسمىي سېتىلىدۇ

2018-09-18 18:43:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىنىڭ تۇنجى نۇسخىدىكى مەملىكەت بويىچە قاتناش ھەممىباب كارتىسى رەسمىي سېتىلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بۇ كارتىنى سېتىۋالغان شەھەر ئاھالىلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ قاتارلىق 253 شەھەردە ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مېترو، كېچىك كېمە قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا كارتا سۈركەپ ئولتۇرسا بولىدۇ.
مەملىكەتلىك قاتناش ھەممىباب كارتىسى قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تۇتاش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە تارقىتىلغان IC كارتىسى. ھەممىباب كارتىنىڭ «قاتناش بىرلەشمىسى» بەلگىسى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتناش بىرلەشمە بەلگىسى بېسىلغان ھەق ئېلىش ماشىنىلىرىدا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت سىز بارغان شەھەر رايونى ئۆز ئارا ئالاقە باغلاش سىستېمىسىغا كىرسىلا، سىز بۇ كارتىنى سۈركەپ شۇ جاينىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپ.
قىزىلتاغ ھەممىباب كارتا شىركىتى بۇلتۇردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە قاتناش ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە باشقا جاينىڭ مەملىكەت بويىچە ھەممىباپ كارتىسىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى BRT لاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە بارلىق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىگە تەدرىجىي يۈزلەندۈرىلىدۇ.مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى، شەھەر ئاھالىلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق 253 مەملىكەت بويىچە قاتناش ھەممىباب كارتىسى تورلاشقان شەھەرگە ساياھەتكە بارماقچى بولسا، كاماندىروپكىغا چىقسا، ئۈرۈمچىنىڭ مەملىكەت بويىچە قاتناش ھەممىباب كارتىسىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، بۇ كارتىنىڭ باھاسى ئادەتتىكى ئاپتوبۇس كارتىسى تەننەرخى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى 15 يۈەن. 2020- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەردە قاتناش ئالاقىسىنى تورلاشتۇرۇپ راۋانلاشتۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى