قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرى خۇسىتەي يېزىسىدىكى جۈسەي جىلغىسى

2018-09-18 18:48:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ مەزگىلدە، خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرى خۇسىتەي يېزىسىدىكى جۈسەي جىلغىسىغا كىرسىڭىز، ھەممە يەرنى قاپلىغان ياۋا جۈسەي چېچەكلىرى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، قويۇق ئاق رەڭلىك جۈسەي چېچىكى بىلەن قاپلانغان بۇ ياپيېشىل زېمىننىڭ ھاۋاسىنى چېچەكلەرنىڭ خۇشپۇرىقى قاپلىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ جايدا سەيلە قىلىشقا، گۈلدىن ھوزۇرلىنىشقا، مەنزىرە تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.
خۇسىتەي يېزىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجىسى فەن ۋۇجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر كىشىلەر بارغانسېرى كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، جۈسەينىڭ تەركىبىدە مول ۋىتامىن ۋە يىرىك تالا بار بولۇپ، تېرە ئاسراش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە. جۈسەي جىلغىسىدىكى ياۋا جۈسەي تەبىئىي، زىيانسىز، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە يەنە ياۋا جۈسەي ئۈزۈپ چىقىپ تاماق ئېتىپ يەيدۇ. بۇ شەھەرلىكلەر يېيىشكە كەمدىن كەم مۇيەسسەر بولالايدىغان «ياۋا تەم» ھېساپلىنىدۇ.
نۆۋەتتە شۇ جايدىكى ياۋا جۈسەي يېڭى كۆكتات ھالىتىدە سېتىشتەك دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن جۈسەينى ئۇنىۋېرسال پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ياۋا جۈسەيدىن جۈسەي چېچىكى قىيامى قاتارلىق بىر قاتار مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى خوستەي يېزىسىدىكى ياۋا جۈسەيگە ئېغىز تەككۈزۈپ، تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ سوۋغاتنى شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى ئالتۇن ئاچقۇچقا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى