قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل كۈزدە يامالىق تېغىغا تىكىلگەن كۆچەتلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ

2018-09-20 18:15:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

4 ئاي قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغى ئارقا تاغ رايونى سۇ پومپىسى پونكىتىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى پۈتتى، ھازىر سىناق قىلىنىۋاتقان بۇلۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل كۈزدە يامالىق تېغىغا تىكىلگەن كۆچەتلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يامالىق تېغىدا ئىككى سۇ پومپىسى پونكىتى بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى تاغ پومپىسى پونكىتىدا بۇلتۇر قۇرۇلۇش باشلانغان، بۇ يىل 4- ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئالدىنقى تاغنىڭ كۆكەرتىش رايونىنى سۇغۇرۋېتىپتۇ.
ئارقا تاغدىكى كۆكەرتىش پونكىتى ئاساسلىقى ئارقا تاغ كۆكەرتىش رايونىنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 750 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ، ھازىر ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتتى، سۇ پومپىسىنىڭ كلاپانى قاتارلىقلار ئورنىتىلىپ بولدى، تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، سۇ پومپىسى پونكىتى ئىچىدىكى سەككىز سۇ پومپىسى، رايونلارغا ئايرىپ سۇ بىلەن تەمىنلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ.
سايباغ رايونلۇق باغ- ئورمان ئەترىتى سۇ پومپىسى پونكىتى قۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: پومپا پونكىتىنىڭ يېنىدىكى سۇ ساقلاش كۆلچىكىنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارى 20 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، پومپا پونكىتى ئاساسلىقى سۇ كۆلچىكىدىن سۇ چىقىرىدۇ، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سۇ ماڭدۇرۇش شارائىتىنى ھازىرلاپ، بۇ يىللىق تاغقا كۆچەت تىكىشنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
 ۋاڭ يۇڭپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: كۈزلۈك كۆچەت تىكىش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھازىر سايباغ رايونىدىكى باغ- ئورمان تارماقلىرى بۇ رايونغا 600 كىلومېتىر ئوزۇنلۇقتا تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى تۇرۇبا لىنىيەلىرىمۇ تەرتىپلىك ياتقۇزۇلماقتا، يەنە 580 مىڭ دەرەخ ئورىكى قېزىلىپ، كۈز پەسللىك كۆكەرتىش خىزمىتى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىندى.
 باھار پەسلىدە گۈل، ياز پەسلىدە سايە، كۈز پەسلىدە مېۋە، قىش پەسلىدە يېشىللىقتىن ئىبارەت مەنزىرە ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل كۈز پەسىللىك كۆچەت تىكىشتە ھەر خىل گۈللۈك، مىۋىلىك، ھوزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە رەڭلىك يوپۇرماقلىق دەل- دەرەخلەر تىكىلگەندىن باشقا، يەنە بەلگىلىك رايونلاردا يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ تۈرلىرىدىن قىزىل قوۋزاقلىق يۈنشەن بىلەن موڭغۇلىيە قارىغىيى تىكىلىدىكەن.  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە 375 مىڭ تۈپ دەل ـ دەرەخ تىكىلگەن. بۇ يىل كۈزدە يەنە 600 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى