قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

داشى كەنتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

2018-09-26 19:38:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
داشى كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك مۇنداق دېدى: داشى كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «قىزىل داشى» كەنتى داڭلىق ماركا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى سەھرا ئارامگاھى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھويلا ـ ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، «يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، كۆڭۈل ئېچىش» بىر گەۋدە قىلىنغان «داشى» يېزا ئىگىلىك ساياھەت كەسپى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
 لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ داشى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى لى يەنفېڭ مۇنداق دېدى: «قىزىل داشى» مەنزىرە رايونى، داشى كۆرگەزمىخانىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى ۋە ئەتراپتىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر يىلى داشى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.
داشى كەنتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل لوپنۇر ناھىيىسى گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىغا 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، داشى كەنتىنىڭ ئەسلىدىكى يېزا يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئىستىراھەت پىيادە مېڭىش يولى ياساش، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى كۆپەيتىش، يېشىل گۈل ـ گىياھ ئۆستۈرۈش قاتارلىق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، داشى كەنتىنىڭ ئۆرپ ـ ئادەت باغچىسىغا ئۇزۇنلۇقى 490 مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان بىر كوچا ياسىدى. ئۆرپ ـ ئادەت كوچىسى پۈتكەندىن كېيىن، داشى كەنتىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، بەزىدە بىر كۈندە 10 نەچچە ساياھەت ئۆمىكى كېلىدىغان بولدى.بۇلتۇر داشى كەنتىنىڭ تۈرلۈك كوللىكتىپ كىرىمى 2 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، داشىلىقلارنىڭ يانچۇقى تومپىيىپ، روھىي كۆتۈرۈلۈپ، كۈنلىرى خوشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى