قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يىزۇ خەلق ناخشىلىرى

2018-09-27 17:37:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يىزۇ خەلقىنىڭ ھەر خىل ئەنئەنىۋى ئاھاڭلىرى بار. مەسىلەن، تاغقا چىقىش كۈيى، ئىشىكتىن كىرىش مۇزىكىسى، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش، مەي- شاراب، توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم ـ يېتىم كۈيى قاتارلىقلار. يىزۇلارنىڭ مەيلى ئەر ـ ئايال، قېرى ـ ياشلىرى بولسۇن، ھەممىسى بىر نەچچىدىن ناخشا ئېيتالايدۇ. بەزى ئاھاڭلارنىڭ مۇقىم ناخشا سۆزى بار، بەزىلىرىدە يوق بولۇپ، ئەھۋالغا قاراپ سۆز قوشۇپ ئېيتىلىدۇ. تاغ ناخشىسى ئەر ـ ئايال ئاھاڭى بويىچە ئېيتىلىدۇ، ئەرلەرنىڭ ئاۋازى ياڭراق ھەم كۈچلۈك، ئاياللارنىڭ ئاۋازى يېقىملىق ۋە نازۇك بولىدۇ. ھەر قايسى جايلاردىكى تاغ ناخشىلىرىنىڭمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بار. مەسىلەن، «ئات تېزرەك چاپسۇن»، «يىراقتىكى مېھمان تۇرۇپ قىلىڭ» دېگەندەك داڭلىق ناخشىلار، يىزۇ خەلق ئاھاڭىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان.
يىزۇ مىللىتى ھەر يىلى ئەنئەنىۋى ناخشا ـ ئۇسسۇل ماھارىتى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. يىزۇ خەلق ناخشىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يىزۇ مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىكى. قىز ـ ئوغۇللار ئۆز- ئارا مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، گۈلخاننى چۆرىدەپ يىزۇ ئۇسسۇلىنى ئوينايدۇ.
 سانىلىقلارنىڭ بايان ناخشىسى «ئاشىما» يىزۇ مىللىتىنىڭ ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك خەلق ناخشىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئاشىما ۋە ئاخىينىڭ فېئودال كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان راببارا ئائىلىسى بىلەن بولغان كۈرىشى ئارقىلىق، ئەمگەك، باتۇرلۇق، ئەركىنلىك ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھى مەدھىيەلەنگەن.  سانى خەلقىنىڭ فېئوداللىق زۇلۇمغا قارشى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەركىنلىك، بەختكە ئىنتىلىشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى ئىپادىلەنگەن. سانى خەلقى ئاشىمانى سانىي مىللىتىنىڭ ئەقىللىك، گۈزەل ۋە ئەمگەكچان قىزلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ. 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 7- كۈنى، يىزۇ خەلق ناخشىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى