قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھاياتلىق ھېكمەتلىرى

2018-09-27 18:44:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇھەببەت-ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا چىن كۆڭلىدىن سوۋغا قىلغان ئەتىرگۈلىدۇر. مۇھەببەت بىر-بىرىنى چۈشىنىش ۋە قوللاش. سۆيگۈ- مۇھەببەت ئىنسان قەلبىدىكى نازۇك تۇيغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇھەببەت ئىگىلىرىنى بىر- بىرىگە مەسئۇل بولۇشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە، سۆيۈشكە ۋە سۆيۈلۈشكە ئۈندەپ كەلگەن. شۇڭا سۆيگۈ- مۇھەببەتسىز دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس.
قەلبىڭىزدە ھەر قانداق ۋاقىتتا مېھىر- مۇھەببەت بولسۇن. ئۆزىڭىزگە تەسەللىي بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، ھورۇنلۇق قىلماڭ. تەبىئەت دۇنياسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ. كۆپكۈك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت، پەرۋاز قىلىۋاتقان ئۇچار-قۇشلارغا قاراڭ. دائىم ئۆزىڭىزنى يېنىك ھېس قىلىڭ. بۇ ھاياتنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى چوقۇم سۆيۈش، قەدىرلەش لازىملىقىنى ھەرگىز ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
ئادەمنىڭ ياشلىق دەۋرى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىممەتلىك، ئۇ ئۆمۈر مەنزىلىنىڭ باھار پەسلى، گۈل پەسلى. سۇ بىلەن يەر كۆكەرگەندەك، ئەمگەك ۋە بىلىم بىلەن ئادەمنىڭ ياشلىق باھارىمۇ كۆكىرىدۇ. ياشلىق دەۋر بىر ئادەم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىستىقبالىغا ئۇل سالىدىغان، ئىلىم-پەن، قانۇن- تۈزۈم، ئەخلاق، غايە جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلىدىغان ھەم يېتىلىشكە ئاساس سالىدىغان، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرىدىغان مەزگىل...... ياشلىقىمىزنى قەدىرلەيلى!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى