قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 9- نۆۋەتلىك شىنجاڭ. ماناس زۇمرەت قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ماناس ناھىيەسىنىڭ «جۇڭخۇا» زۇمرەت قاشتېشى باغچىسىدا باشلاندى

2018-09-28 18:17:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ نۆۋەتلىك زۇمرەت قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنى جۇڭگو ھۈنەر- سەنئەت جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ بايرام شىنجاڭدىكى ياخشى جاي- زۇمرەت قاشتاشلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ماناس، قىزىل ھارىقى داڭلىق رومانتىك ماناس، مەززىلىك تائاملارنىڭ خۇش پۇرىقى بۇرۇندىن كەتمەيدىغان ماناس قاتارلىق يەتتە چوڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەتكە بۆلۈنگەن. جۇڭگو ھۈنەر- سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ھۈنەر-سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئالاھىدىلىك زۇمرەت قاشتېشى مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۈكسەك بىرلىشىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىز زۇمرەت قاشتېشى كەسپىي باشلىقلار مۇنبىرى ئۇيۇشتۇردۇق. بىز ماناس ناھىيەسىنىڭ زۇمرەت قاشتېشىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەل بايلىقتىن باشقا يەنە زۇمرەت قاشتېشىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىدە ھەمدە قاشتاش ئويمىچىلىق كەسپىدىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بايرامنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو ھاراق ئىشلىرى جەمئىيىتى ماناس ناھىيەسىگە «جۇڭگو ئۈزۈم ھارىقى ماكانى» گۇۋاھنامىسى ۋە ۋىۋىسكىسىنى تارقىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش رايونى» گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى. پائالىيەت مەزگىلىدە، يەنە ماناس ناھىيەسى بويىچە زۇمرەت قاشتېشى ماكانىنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنى، مەملىكەتلىك زۇمرەت قاشتېشى كەسپىي ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە زۇمرەت قاشتېشى كەسىپ ئىستراتېگىيەسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ. ماناس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ۋېي خەييىڭ مۇنداق دېدى: ماناس زۇمرەت قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق «جۇڭگو زۇمرەت قاشتېشى ماكانى» دېگەن ئىسىم كارتىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تونۇتىمىز، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق ماناسنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى