قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەت ئۇنچىلىرى

2018-09-30 16:54:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاقىت ئىنسانغا بېرىلگەن قىممەتلىك سوۋغا. ھاياتتا ئۆزىنى سورىغان مەسئۇلىيەتچان ئادەم ئۈچۈن، ئەتىكى ئىشنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە ئەتىگە قەدەم قويغاندا كۆڭلىگە ئالدىن پۈككىنى بويىچە قىلىشقا تېگىشلىك دائىملىق ئىشلىرىنى نورمال تەرتىپ بويىچە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش تولىمۇ ئاقىلانىلىك ھەم پەزىلەتتۇر، ئەكسىچە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ خىيالىغا كەلگەن ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن بەند بولۇپ، يا مەلۇم بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي، يا دائىملىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشقا دىت ھەم ئالدىن پىلان، مۆلچەرنى قىلماي، ۋاقىتنى بىكارغىلا ئۆتكۈزۈۋېتىش تولىمۇ نادانلىقتۇر.
بۈگۈننى قەدىرلەش ھاياتقا، تۇرمۇشقا مەسئۇل بولغانلىق، بۈگۈننى ئويلاش، پىلان بويىچە پۇختا ئىلگىرىلەش ئەتىگە پۇختا قەدەم ئالغانلىق. ھاياتتا ئەھمىيەتلىك ئىز قالدۇراي دېسىڭىز، بۈگۈن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ھەرگىزمۇ ئەتىگە سۆرىمەڭ، چۈنكى ئەتە يەنە ئەتىگە تۇشلۇق ئىشلار سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، شۇندىلا بۈگۈننىڭ قەدرىگە، ئەتىنىڭ قىممىتىگە يەتكىلى ھەم ھاياتى نۇرلىنىپ، ھاياتنىڭ شېرىن لەززەتلىرىدىن قانغۇچە بەھرە ئالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى