قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈندىن ـ كۈنگە كۆرۈنەرلىك بولدى

2018-10-01 21:14:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈندىن ـ كۈنگە كۆرۈنەرلىك بولدى. 3 يىلدا 60 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى كۈنسايىن گەۋدىلەندى، يېقىنقى ئۈچ يىلدا ساياھەت ئارقىلىق 114 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇنغان، 400 مىڭ 300 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇنغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، 12 مىڭ نامرات ئائىلە، 21 مىڭ 700 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇنغان، 20 مىڭ 600 ئائىلە، 39 مىڭ 400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇنغان.
ېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ساھەسى سەھرا ساياھىتى سەرخىل قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىشتۈرۈپ، سەھرا ساياھىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت + ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ، سەھرا ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 263 نى يولغا قويۇپ، نامرات دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى چۆرىدەپ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېزا- كەنت ئاممىسىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى.
 ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن جەمئىي 1 مىڭ 552 سى، يۇلتۇز دەرىجىسىگە توشمىغان دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھىدىن 4 مىڭدىن ئارتۇقى، ساياھەتچىلىك بويىچە يېمەك - ئىچمەك، ئائىلە قونالغۇ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدىن 1 مىڭ 513 ئى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، دۆلەت دەرىجىلىك «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جامائەت پاراۋانلىقى يىرىك پىلانى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نەتىجىلىرى»، «ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەنزىرە رايونى ئارقىلىق كەنتلەرگە تۈرتكە بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن دېھقان ئائىلىسى بىرلەشكەن ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى» قاتارلىقلاردىن 15 ئى بەرپا قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى