قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قوش غەرب تاشيولىنىڭ قازاقىستان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى

2018-10-01 21:15:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قوش غەرب تاشيولىنىڭ قازاقىستان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، قورغاستىن ئالمائاتاغىچە بولغان پۈتۈن لىنىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ئۆزگەردى.
 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن قوش غەربىي تاشيولنىڭ قازاقىستان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى قازاقىستان تەرەپنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى ھەم 3- دۆلەتكە ئۇزارتىلدى.
 قوش غەرب تاشيولىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ياۋروپانىڭ غەربىي قىسىمى ــــ جۇڭگو غەربىي قىسىم تاشيولى بولۇپ، شەرقتە جۇڭگونىڭ ليەنيۈنگاڭدىن باشلىنىپ، غەربتە رۇسىيەنىڭ پېتىربۇرگتا ئاياغلىشىپ، ياۋروپانىڭ تاشيول تورى بىلەن تۇتىشىدۇ. قوش غەرب تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 8 مىڭ 445 كىلومېتىر، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 3 مىڭ 425 كىلومېتىر، رۇسىيە چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 233 كىلومېتىر، قازاقىستان چېگراسى ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇقى 2 مىڭ 787 كىلومېتىر بولۇپ، «ياۋروپانىڭ غەربىي قىسمى ـــ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى» نىڭ قاتناش كارىدورى ھېسابلىنىدۇ.
بۇلتۇر 11- ئايدا قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو ئىچىدىكى يول بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ 27- كۈنى قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، جۇڭگونىڭ قورغاستىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتاغىچە ئەسلىدىكى 378 كىلومېتىرلىق يول 306 كىلومېتىرغا قىسقىراپ، ئاپتوموبىل مۇساپىسى ئىلگىرىكىدىن ئىككى سائەت ئەتراپىدا قىسقاردى.
 قوش غەرب تاشيولىنىڭ جۇڭگو- قازاقىستان بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىشى قورغاس تاشيول پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى ياۋروپانىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ، قورغاسنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش- ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى يىغىش- تارقىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ، قورغاسنىڭ تۆمۈريول، تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى، نۇركابېل «بەش بىر گەۋدىلەشكەن» خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسىنىڭ تېزدىن شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى