قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېسىل بولىدۇ

2018-10-01 21:16:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېسىل بولىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ئورۇنلىرى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرىغا مول، رەڭدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەييارلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا شەھەر ئاھالىلىرىگە نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، ھەر كۈنى سائەت 10 يېرىمدىن 17 يېرىمغىچە ئېچىلىدۇ.
 بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت بايرىمى كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن «شانلىق جۇڭگو، گۈزەل يۇرت- ماكان» ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدۇ. يۈزدىن ئارتۇق فوتو سۈرەت ئەسىرى تاماشىبىنلارغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىدۇ. كۆرگەزمە مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
 دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولايلى» باش تېما قىلىنغان تەربىيە كۆرگەزمىسى ۋە «ئون مىڭ يىللىق قىياپەت» ئۈرۈمچى تارىخىي كۆرگەزمىسى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى دۆلەت كىلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇش، ئاتا ـ ئانىلار كىتاب ئوقۇش كۇرسىنى ئاچىدۇ، شۇ چاغدا بالىلار، ئاتا ـ ئانىلار بىلەن بىرلىكتە «ئەخلاق دەستۇرى» ھېكايىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە قىزىقارلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، خۇشاللىق ئىچىدە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ.
 كۆرگەزمە كۆرۈش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن باشقا، يەنە ئېسىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈي تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) مۇشۇ ئاينىڭ 3-، 5- كۈنى، جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ قاپىيىسىنى مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، «قىزىل چىراغ»، «شاجياباڭ» قاتارلىق جىڭجۈي تىياتىرلىرىنىڭ بۆلەكلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە دۆلەت جەۋھىرى نامايان قىلىنىدۇ.
 ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۇ تىياتىر ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۇ تىياتىر ئۆمىكى) 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە، شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا ئۈچ مەيدان چىنجۇ تىياتىرى قويىدۇ، شۇ چاغدا «چىڭفىڭ راۋىقى»، «شىخۇ كۆلىنى ساياھەت قىلىش»، «شۇلوخەن»، «جەن چىنيىڭ» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەر كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتىدا 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنىگىچە بالىلار تىياتىرى «بالىلار چۆچەكلىرى بازىرىنى كىم قۇتقۇزدى» ۋە «ساراڭ توشقان تۇسىسكى» قاتارلىقلار ئوينىلىدۇ، مۇشۇ ئاينىڭ 6- كۈنى دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن خور كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى