قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق قەشقەر (پوسكام) يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغانلارنىڭ ئالتۇن تويىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2018-10-01 21:18:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2018- يىللىق قەشقەر (پوسكام) يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ياشانغانلارنىڭ ئالتۇن تويىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تۈنۈگۈن پوسكامدىكى «ئالتۇن توغراق» مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
    تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، ئۇيغۇر، خەنزۇ، تاجىك مىللىتىدىن بولغان 10 جۈپ ئەر- ئايال ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى ۋە مەنزىرە رايونلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىدا، قول تۇتۇشۇپ گۈللۈك ئەگمە ئىشىكتىن ئۆتۈپ، بىر- بىرى بىلەن خاتىرە سوۋغىتى ئالماشتۇردى. قايناق مەنزىرە، قويۇق مىللىي پۇراق-- ساياھەتچىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
 بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن ئابلىز ئادىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت كەنتىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ بوۋاي بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالى تۇدىخان سېيىت بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇلار ئىككىسى 60 يىلنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. ئابلىز ئادىل مۇنداق دېدى: بۇنداق پائالىيەتكە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم. ھازىر پېنسىيە مائاشىم بار، ھەر كۈنى مەنزىرە رايونىدا ئات ھارۋىسى ھەيدەپ 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن. 130 كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيدە تۇرىمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت.
10-ئاينىڭ 1-كۈنى، ياڭ گۇاڭيۇنىڭ 69 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىدا ئالتۇن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. دۆلەت ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ، تۇرمۇشىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
 نۆۋەتتە پوسكام ناھىيەسىدىكى «ئالتۇن توغراق» مەنزىرە رايونى مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈش ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تەسىراتى ئېلىپ كېلىشكە تىرىشماقتا. مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى شياۋيەن مۇنداق دېدى: ئالتۇن توي مۇراسىمىدا، توغراقلار ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە شاھىد بولدى. بۇ-- ئۇلارنىڭ ئالتۇن كۈزدە ئېرىشكەن ئەڭ گۈزەل تىلىكى بولۇپلا قالماي، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان سەمىمىي تىلەكلەر بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى