قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى بېسىق مەزگىلدە 90 يۈەن، سۇس مەزگىلدە 45 يۈەن بولدى

2018-10-01 21:18:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى بېسىق مەزگىلدە 90 يۈەن، سۇس مەزگىلدە 45 يۈەن بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى، كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ۋە مەنزىرە رايون ئاپتۇبۇس بېلەت باھاسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىرىش بېلىتى باھاسى بېسىق مەزگىلىدە بىر ئادەمگە 90 يۈەن، سۇس مەزگىلدە 45 يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى.
 كۆكتوقاي دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاۋات مەزگىلى ھەر يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، سۇس مەزگىلى ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن، كېيىنكى يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ. مەنزىرە رايونى ئاپتۇبۇسىنىڭ پۈتۈن مۇساپىسىدە بېرىپ ـ كېلىش بېلىتى بىر ئادەمگە 45 يۈەن بولىدۇ.
 مەنزىرە رايونىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مۇلازىمىتى ھەققى، كىرىش بېلىتى باھا تەننەرخىگە كىرگۈزۋېتىلگەن بولۇپ، ئايرىم ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ بۇ كىرىش بېلىتى ۋە مەنزىرە رايونى ئاپتوبۇس بېلەت باھاسى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بىر يىل سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن رەسمىي باھا بېكىتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى