قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىلتاغ باغچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى

2018-10-01 21:19:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر ئايدىن كۆپرەك ئېلىپ بېرىلغان «رەڭگارەڭ كېچە مەنزىرىسى بەرپا قىلىش خىزمىتى»نىڭ نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى قىزىلتاغ باغچىسىدا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، پۈتكۈل قىزىلتاغنى يورۇتتى، پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدە چىراغلار يورۇتۇلۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقى تەبرىكلەندى.
 غەربىي چوڭ كۆۋرۈكتىن قارىغاندا، قىزىلتاغ باغچىسىنىڭ پۈتكۈل تاغ گەۋدىسى خۇددى تۈن پەردىسى ئاستىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاپ قالغانىدى. قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا ئەگىشىپ، قىزىلتاغ ھەش ـ پەش دېگۈچە رەڭ دېڭىزىغا ئايلاندى.
 باغچىغا كىرگەندە، باغچا ۋە ئەتراپتىكى ئىمارەتلەرنىڭ چىراق، نۇر، ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۆز ئارا گىرەلىشىپ گۈزەل كېچە مەنزىرىسىنىڭ شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى بايقايسىز. 4 مىڭ نەچچە يۈرۈش شەكلى ھەر خىل بولغان قۇش ئۇۋىسى چىرىغى، سۇ سىزىقى چىرىغى، پەلەمپەي چىرىغى، نەقىشلىك چىراغ ۋە تام يۈزى چىرىغى قاتارلىقلار ئۆز ئارا بىرىكىپ، يورۇقلۇق، رەڭ، نەقىشنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، باغچىنىڭ يول يۈزى، پەلەمپەي، كۆل يۈزى، راۋاق، كارىدور ۋە پىيادە مېڭىش رايونى قاتارلىق جايلىرىنى ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا نامايەن قىلىدۇ.
 قىزىلتاغ باغچىسى سائەت 23 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە تاقىلىدۇ.10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، قىزىلتاغ باغچىسىدا ھەر كۈنى سائەت 20 يېرىمدىن سائەت 24 كىچە چىراغ ياندۇرۇلىدۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە، ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ قىزىلتاغ باغچىسىدا چىراغلار يورۇتۇلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى