قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قار-مۇز ساياھىتى سۈپىتى مۇلازىمەت ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكى جانلاندى

2018-10-02 20:41:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا، شىنجاڭ قار ـ مۇز ساياھىتى سۈپىتى مۇلازىمەت ئىتتىپاقى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى. شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ساياھەت بايلىقى مول، بۇ ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ۋە ساياھەتچىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
شىنجاڭ قار ـ مۇز ساياھەت سۈپىتى مۇلازىمەت ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى، ئالتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قار ـ مۇز ساياھەت شەھىرىنى يادرو قىلغان ھالدا، قار ـ مۇز بايلىقى، بايراملىق پائالىيەت، ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ.
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار ـ مۇز مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، «ئىنسانلارنىڭ قار تىيىلىش تەنھەرىكىتى باشلانغان جاي» بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنياغا تونۇلغان قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى جايى، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن قىشلىق قار ـ مۇز ساياھىتى ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق رايون. ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك كەسپى سودا يەرمەنكىسى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى «تۆت رايون، بىر بەلباغ» نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قاناس، قار پايتەختى ئالتاي» يادرولۇق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى. شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە قىشلىق ساياھەت بازىرىنى يېتىلدۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ يىل قىش پەسلىدە ساياھەت كوپىراتىپى، ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلان، مەخسۇس پويىزلارنى ئېتىبار بىلەن مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تۇنجى قار ـ مۇز سەيلىگاھى بەرپا قىلىپ، سەيلىگاھ، قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى، قار ـ مۇزدا كۆڭۈل ئېچىش، قار ـ مۇز تائاملىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت ماللىرى سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ساياھەت رايونلىرىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە «كۆڭۈللۈك قار- مۇز ساياھىتى»گە قاتنىشىش شارائىتى ھازىرلايدۇ.شۇ كۈندىكى قۇرۇلۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 80 نەچچە ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ساياھەتچىلىكى سۈپەت مۇلازىمىتى ئىتتىپاقىغا قاتناشتى. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە: ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش جەريانىدا، سەمىمىي تىجارەت قىلىش، ئېسىل لىنىيە، مۇۋاپىق باھا بىلەن تەمىنلەش، مەھسۇلات بىلەن باھانى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قارا كوپىراتىپ»، «قارا ماشىنا»، «قارا ساياھەت يېتەكچىسى» نى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك؛ ساختا، ئېنىق بولمىغان ۋە مۈجمەل تەشۋىقات ئېلانى بەرمەسلىك؛ ساياھەتچىلەر بىلەن ساياھەتكە مەسئۇل تارماقلار تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان قىشلىق ساياھەتچىلىك توختامىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باھا ۋە مۇلازىمەتنىڭ تەپسىلىي قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ قىشلىق يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سېلىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سالاھىيىتى يۇقىرى، ئىناۋىتى ياخشى بولغان جايلارنى تاللاپ، ساياھەت كوپىراتىپى، ئاشخانا، مەنزىرە نۇقتىلىرى، ئاپتوموبىل شىركىتى دۇكانلىرىغا تەمىنلەپ بېرىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىكى ساپاسىنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەنگە ئالدۇرۇش؛ ۋەدىلەشكەن ساياھەت ئۆلچىمى ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتتىق رىئايە قىلىش؛ ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش ۋە ئۆزى تاللاش، ئۆزى پۇل چىقىرىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى