قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 9 چوڭ رايوننىڭ كېچە مەنزىرىسىنى ئۇنىۋېرسال گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تاماملاندى

2018-10-02 20:42:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 9 چوڭ رايونىدىكى شەھەر كېچىلىك مەنزىرىسىنىڭ بۇ يىللىق يورۇتۇش سىستېمىسى پۈتتى. «ئۆكتەبىر» دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى. موھىت بۇلغىماسلىق، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش تەلىپى بويىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 9 چوڭ نۇقتىلىق رايون (ئايرودروم، 17 تۈتۈن رايونى، خەلق مەيدانى ئەتراپى، كۆرگەزمە رايونى، خەلقئارا چوڭ بازار، غەربىي چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپى ۋە قىزىلتاغ، دوستلۇق يولى، سەككىز قەۋەت، نەنخۇ شەھەر ئاھالىسى مەيدانى، جۇڭشەن يولى) دائىرىسىدىكى رەڭگارەڭ مەنزىرىلىك يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسى يېڭىدىن ئۆستۈرۈلدى ۋە تولۇقلاپ رېمونت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر بويىچە رەڭگارەڭ مەنزىرىلىك يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى كۈندىلىك ئاسراشنى كۈچەيتىلىپ، ئاددىي، كۆركەم، چوڭ سۈپەت، نۇقتا، لىنىيەردە يۈزمۇ ـ يۈز نۇر چاقناپ تۇرىدىغان شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى يورۇتۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى.
نۆۋەتتە ئايرودروم، كۆرگەزمە رايونى، غەربىي چوڭ كۆۋرۈك ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپى، دوستلۇق يولى، سەككىز قەۋەت، نەنخۇ شەھەر ئاھالىسى مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ بىر قانچە نۇقتىلىق رايوننىڭ 57 جايىدىكى رەڭگارەڭ مەنزىرىلىك يورۇتۇش ۋەزىپىسى تاماملاندى. باشقا نۇقتىلىق رايون، كوچىلارنىڭمۇ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرتىپكە سېلىش قۇرۇلۇش پىلانىغا ئاساسەن ماس قەدەملىك لايىھە ۋە قۇرۇلۇشلىرى تاماملاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى