قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتۇن كۈزدە تېكەس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى

2018-10-02 20:51:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تېكەس دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋېلىپ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى.
ئالتۇن رەڭلىك سۇلۇق يەر باغچىسى ئىپتىدائىي ھەم ھەيۋەتلىك بولۇپ، بۇ مەزگىلدە گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. تۆت ئەتراپتىكى ئورمانلىق تاغ مەنزىرىسى، ئۇقچىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار قوشۇلۇپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھاسىل قىلغان. بۇ يەردە شامالدا ئىغاڭلاپ تۇرىدىغان قومۇشلاردىن باشقا، يەنە زۇمرەتتەك كۆل سۈيىدە ئاققۇ، سېرىق ئۆردەك، ئاق قوتان، ياۋا غازلار ياشايدۇ.
 تېكەس دەرياسى سۇلۇق يەر باغچىسى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ ئىگىز سۇلۇق يەر، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ئاز ئۇچىرايدىغان تىپىك ئېگىزلىكتىكى سۇلۇق يەر رايونى ھېسابلىنىدۇ. سۇلۇق يەردە قويۇق ئۆسكەن چاتقال، ئېگىز تاغ يايلىقى ۋە سۇلۇق يەرلەردىكى پاپوروتنىك تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، يەنە تۇرنا، جەرەن قاتارلىق ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بار. بۇ يەر ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ساياھەت قىممىتىگە ئىگە، شۇڭا «چېگرادىكى بوستانلىق» دەپ ئاتالغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى