قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە لوپنۇر ناھىيەسى ساياھەتچىلەر بېسىق مەزگىلىنى كۈتىۋالدى

2018-10-08 16:22:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە لوپنۇر ناھىيەسى ساياھەتچىلەر بېسىق مەزگىلىنى كۈتىۋالدى، مەدەنىي ساياھەت قىلىش يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى.
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەتچىلىكنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسى توغراق تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پەسىلگە قەدەم قويدى. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن بۇيان، بايىنغۇلىن ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى دۆلەت 4 A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى لوپنۇرلۇقلار كەنتى ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، كىشىلەر ئېقىمى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما مەنزىرە رايونى تەرتىپلىك بولۇپ، مەدەنىي ساياھەت قىلىش ساياھەت يېڭى كەيپىياتىغا ئايلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بۇ ناھىيەدە خوراز سوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، قولۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسى، قۇملۇق ۋالىبولى، قۇملۇقتا ئارقان تارتىشىش، قۇملۇقتىن گۆھەر ئىزدەش، باش تېمىلىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، مەدەنىي ساياھەت پىدائىيلىرى مۇلازىمىتى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە كاۋاپ قاتارلىق مەززىلىك يېمەكلىكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت مەزمۇنى بېيىتىلغان. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- كۈنى سائەت 12 گىچە، مەنزىرە رايونى كۈتىۋالغان ساياھەتچى 70 مىڭ ئادەم قېتىمدىن، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا% 33.6 ۋە %60.1 ئاشقان.
بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ساياھەت مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئويۇن قويۇش قېتىم سانى، مەنزىرە نۇقتىسى ئاپتوموبىلى قېتىم سانى قاتارلىقلارنى قايتىدىن پىلانلاپ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشقا يېتەكلەش يولىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەت يېتەكچىسى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى ئاپتوموبىل توختىتىشقا ۋە بېلەت سېتىۋېلىشقا يېتەكلىدى، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى، چارلاش ساقچىلىرىنى كۆپەيتىپ، يۇقىرى پەللىدىكى كىشىلەر توپىنى ئۈنۈملۈك تارقاقلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىپ ـ چىقىشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.
بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يەننىڭ دېيىشىچە، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىنچىكىلەشكەن، ئادىمىيلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت ئەسكەرتمىسى ساياھەتچىلەرنى ئاڭلىق ھالدا قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلغۇزۇپ، گۈزەل مەنزىرە بىلەن ماس كېلىدىغان ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىدىكەن، مەدەنىي، قائىدىلىك ساياھەتچىلەر مەدەنىي ساياھەت قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرى بولۇپ، بۇنداق ساياھەتچىلەر كۆپەيگەنسېرى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىنى ئاڭلىق قوغدىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى