قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا يېزا- كەنتلەردە «ھېس قىلىش ساياھىتى» قىزىپ كەتتى

2018-10-08 16:23:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، باغ سەيلىسى، مېۋە- چېۋە ئۈزۈش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق «ھېس قىلىش ساياھىتى» نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
قۇمۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاران 12 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمۇل خوشىچۈەن تۈزلەڭلىك ئورمانچىلىق مەيدانىدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى پاتقاق مۇنچىسى ھېس قىلىش سارىيى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ خىل پاتقاقتا 12 خىل مىكرو ئېلىمىنت بار بولۇپ، تېمپراتۇراسى 37 گرادۇستىن 41 گرادۇسقىچە بولىدۇ. پاتقاققا چىلانغاندا، بەدەندىكى سوغۇقنى ھەيدەپلا قالماي، يەنە لەيلەپ كۆڭۈل ئاچقىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىچە ساياھەت ئارقىلىق ساياھەتچىلەر پۇخادىن چىقىدۇ.
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرىدىكى چۈەنشۈيۋەن بېلىق تۇتۇش قورۇقى نۇرغۇن بېلىق تۇتۇش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى. تىنچ كۆل يۈزىنى سۆيۈپ تۇرغان سۆگەتلەرنى مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتەتتى، ساياھەتچىلەر قارماقلىرىنى كۆلگە تاشلاپ، بېلىق تۇتقاچ جىمجىتلىقتىن ھۇزۇرلىنىشاتتى. چۈەنشۈيۋەن بېلىق تۇتۇش قورۇقىنىڭ مەسئۇلى جېڭ شۈياڭ مۇخبىرغا كۈز پەسلىنىڭ بېلىق تۇتۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان پەسىل ئىكەنلىكىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەردە بېلىق تۇتۇپلا قالماي، يەنە بېلىقلارنى ئۆيىگە ھەقسىز ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، كۈنىگە 100 دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى، بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، ماناستىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكىنى، يەنە شىخەنزىدىن كەلگەن دوستلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ كۆلگە ھەر كۈنى بىر توننا ئەتراپىدا بېلىق سالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شايار ناھىيەسىنىڭ قايلور بازىرى بوز دۆڭ كەنتىدىكى جاڭ جيەنخۇانىڭ چىلانلىقىدىكى چىلانلار پىشىپ مەي بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ ھەر خىل چىلان سورتلىرىنى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈپ، ئېتىزلىقنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. شايار ناھىيەسىدىكى چىلان ئۆستۈرگۈچى جاڭ جيەنخۇانىڭ دېيىشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ 600 مو چىلانلىق بېغىغا كۈنىگە 100 دىن ئارتۇق ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ھەر كۈنى 200 كىلوگرام چىلان ئۈزگەن ۋە سېتىۋالغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى