قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سىرتلارغا چىقىپ كەتكەن شەھەر ئاھالىلىرى قايتىپ كېلىشكە باشلىدى

2018-10-08 16:25:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يوللار ۋە شەھەر ئىچىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ قاتناش بېسىمى تەدرىجىي ئاشتى. چۈش سائەت 1 دە، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتىدا، كۆپلىگەن شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ بۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ شۆبىڭ مۇنداق دېدى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، ئىككى يېرىم سائەت ئاپتوموبىل ھەيدىدىم. ئاپتوموبىل توسۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. بۇ قېتىمقى دەم ئېلىش خېلى ياخشى ئۆتتى، بەك خۇش بولدۇق. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۇلانباي چوڭ ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 1- ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى فەن بىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 9- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 24 تىن مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 غىچە، ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەن ئاپتوموبىل 163 مىڭغا يەتتى. قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ سان يەنە داۋاملىق ئاشىدۇ. شوپۇر دوستلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يۈرگەندە خالىغانچە ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتمەسلىكى، بىخەتەر يۈرۈش ئارىلىقىنى ساقلاشقا دېققەت قىلىپ، بەلگىلەنگەن سۈرئەت بويىچە يول يۈرىشىنى ئەسكەرتىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى