قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاناس «يۆلىياڭۋەن» قولتۇقى

2018-10-08 16:26:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«يۆلىياڭۋەن» قولتۇقى بولسا قاناستىكى ئەڭ داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى. قاناس كۆلىنىڭ بۇ يېرىدە گۈزەل ياي سىزىقى ھاسىل بولغان بولۇپ، دەل ـ دەرەخلەر بىلەن تولغان، گويا «ھىلال ئاي» نى قۇچاغلاپ ياتقاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ جىلغا نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «يۆلىياڭۋەن» قولتۇقى قاناس كۆلىنىڭ سۈيىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، «يۆلىياڭۋەن» قولتۇقى قاناس دەرياسىدىكى بىر مەرۋايىتتۇر.
كەچ كۈز پەسلى، «يۆلىياڭۋەن» قولتۇقىنىڭ كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. تاغ چوققىسىدىكى قار بىلەن قويۇق تۇمان ئاق رەڭدە، تاغ قاپتىلىدىكى سىبىرىيە بال قارىغىيى بىلەن ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى ئالتۇن رەڭدە، ئارىسىدىكى شەمشاد يېشىل رەڭدە، دەريا سۈيى ياپيېشىل رەڭدە بولىدۇ، 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى «يۆلىياڭۋەن» قولتۇقى يەنە ئېرەن دەرىخىنىڭ قىزىل يوپۇرمىقى بىلەن قاپلىنىپ، كىشىگە تەبىئەتنىڭ رەڭدارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى