قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو»

2018-10-08 17:25:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» باش تېمىسىدىكى ئاجايىپ كۆركەم چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. (مۇخبىرىمىز تاڭ يۇڭ فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمىنى خۇشال ئۆتكۈزۈپ، چاقناپ تۇرغان جۇڭخۇانى ساياھەت قىلىش. 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 20دە، دەستە- دەستە گۈزەل لازېر نۇر كېچە ئاسمىنىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى − غەربىي چوڭكۆۋرۈكتىن قىزىلتاغ باغچىسىغىچە يورۇتۇپ، «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» دېگەن ھەيۋەتلىك چوڭ خەتلەرنى نامايان قىلىپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەتنى ئىزھار قىلدى.

  ئاسماننى پەردە، شەھەرنى مەنزىرە قىلغان ئاجايىپ كۆركەم چىراغ نۇرى ئېگىز بىنالاردا «گۈزەل خەتلەرنى ھاسىل قىلىپ»، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى، شۇ كۈنى، «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ليۇ چىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، غەربىي چوڭكۆۋرۈك بىلەن قىزىلتاغ تاغ گەۋدىسى، كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسلىق رايون تەسىس قىلىندى، 14 تۈگۈندىكى ئىمارەتلەردە بىرلا ۋاقىتتا چىراغلار يورۇتۇلدى، لازېرلىق پىرويېكسىيە، سۇ پەردىسى ھەم بىنا گەۋدىسى LED چىرىغى قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» يادرولۇق ئامىل، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، چوڭ قىزىل پانۇس قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭگو روھىغا سىمۋول قىلىنغان رەسىملەر قوشۇمچە قىلىنىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرگە بىر مەيدان كاتتا كۆرۈش تۇيغۇسى زىياپىتى تەييارلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرى ئىپادىلىنىپ، خۇشال، ئىناق، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بايرام كەيپىياتى يارىتىلدى.

  يۆتكىلىپ تۇرىدىغان رەڭگارەڭ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇرغۇن ئاھالىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، ئاشىق- مەشۇقلار «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو»نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشتى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان «تۇغقان»لار ھەمراھ بولۇشۇپ سىرتقا چىقىپ، گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا شىنجاڭ خەلقىنىڭ مېھماندوستلۇقى ۋە قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدى... كىشىلەر بەس- بەستە يان تېلېفون، فوتو ئاپپاراتلىرىنى قولىغا ئېلىپ بۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى 10- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، ھەر كۈنى سائەت 20دىن 24كىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاساسىي رايوندىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىرىمۇ پائال قاتناشقان بولۇپ، ياڭزىجياڭ يولى، نيەنزىگوۋ ئەتراپى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تارماق رايونى قاتارلىق جايلاردىمۇ چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان، بىرتۇتاش ھەمتۈرتكە بولغان، يىراق- يېقىن ئۆزئارا ماسلاشقان، كۈچلۈك ئۆزگىرىشچان ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان.

  شۇ كۈنى سائەت 20دە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات قانىلىنىڭ «شەرق ئىقلىمىدا» پىروگراممىسىدا «مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو» باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئۈرۈمچى بۆلىكى كۆرسىتىلىپ، بۇ قېتىمقى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى پائالىيىتى توققۇز مىنۇتقا يېقىن بىۋاسىتە خەۋەر قىلىندى، بۇ يەنە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تۇنجى قېتىم يۇقىرى بوشلۇقتىن كەڭ كۆلەمدە سۈرەتكە ئېلىپ، بىۋاسىتە خەۋەر قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى دۆلەت بايرىمىدا كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى، ئۇنىڭغا تىيانشان ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ- ياشنىشىغا بولغان ئورتاق تىلىكى سىڭگەن!

  سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى، چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنى تاماشا قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى غەربىي چوڭكۆۋرۈكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

  

    سۈرەتتە: ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تارماق رايونىنىڭ رەڭدار چىراغ نۇرى جۇلاسى. (10- ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان) (مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى