قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ گەنزى ئوبلاستىدىكى داۋچېڭ يادىڭ مەنزىرە رايۇنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى

2018-10-10 18:41:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

داۋچېڭ-- سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان گەنزى ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا. جۇغراپىيەلىك جايلىشىش جەھەتتىن چىڭخەي- شىزاڭ ئىگىزلىكىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا، خېڭدۇەن تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىگە توغرا كېلىدۇ. يەنى، كاڭبا زاڭزۇ رايۇنىنىڭ گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا تەۋە. داۋچېڭنىڭ يادىڭ رايۇنى-- يادىڭ تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايۇنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەنە يادىڭ مەنزىرە رايۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گەنزى ئوبلاستى شيەننەيرى، ياڭمەييۇڭ، شيانودوجى قاتارلىق ئۈچ مۇقەددەس تاغ ۋە ئەتراپتىكى دەريا ئېقىنى، كۆل ۋە ئىگىز تاغلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىدىن تەركىب تاپقان گۈزەل بىر مەنزىرە رايۇنى. ئۇ جۇڭگودىكى ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى. ئۇ ئۆزگىچە بولغان يەر شەكلى ۋە ئىپتىدائىي تەبىئىي مەنزىرىسى بىلەن «يەر شارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە پاكىز تۇپراق» دېگەن نامغا ئىرىشكەن. مەنزىرە رايۇنى ئىچىدە ھەيۋەتلىك ۋە مۇقەددەس قارلىق تاغ بولۇپلا قالماي يەنە بىپايان ئوتلاق، رەڭگارەڭ ئورمانلىق ۋە كۆپكۆك تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان خەيزى كۆلى بار. گويا قارلىق ئىگىزلىكتىكى بارچە گۈزەللىك بۇ يەرگە مۇجەسسەم بولغاندەك بۇ يەردىكى ھەممىلا نەرسە كىشىنى شۇ قەدەر جەلپ قىلىدۇ.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرسىڭىز سىزگە ناھايىتى ئېسىل بىر سەپەر لېنىيىسىنى تەۋسىيە قىلىمىز. يائەندىن يولغا چىقسىڭىز: لۇدىڭ- كاڭدىڭ- شىندۇچياۋ- ياجياڭ- لىتاڭ قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا داۋچېڭ يادىڭغا يېتىپ بارىسىز. يول ناھايىتى راۋان، ياتاقتا يېتىش قۇلايلىق. قايتىش سەپىرىڭىزدە بامېي- دەنبا- شياۋجىن- جياجىنشەن- باۋشىڭ- لۇشەن قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ماڭسىڭىز، يولبويى گۈزەل مەنزىرىلەرنى بىر جۈملە سۆز بىلەن سۈپەتلىگەندە-- ئاجايىپ ھوزۇرلىنارلىق، ئاجايىپ گۈزەل، ئاجايىپ ئۇنتۇلغۇسىز مەنزىرىلەردىن بەھىر ئالىسىز.
يادىڭغا بارغاندا نيۇنەيخەي كۆلىگە بېرىپ چۆرگىلەپ كېلىشنى ئۇنتۇماڭ. نيۇنەيخەي كۆلىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى لورۇڭسۇ. ئۇ ياڭمەييۇڭ مۇقەددەس تېغىنىڭ ئاستىدىكى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان. كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان، شەكلى سۇ تامچىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان قەدىمىي مۇزلۇق كۆل. ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى قارلىق تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. كۆل سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك. كۆلنىڭ ئەتراپى سۈتتەك ئاق رەڭدە بولغاچقا ئۇ يەنە «سۈت دېڭىزى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «نيۇنەيخەي» كۆلى، دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتالغان.
 نيۇنەيخەي كۆلى يادىڭ رايۇنىدىكى مۇقەددەس كۆللەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4 مىڭ 600 مېتىر. نيۇنەيخەي كۆلىنىڭ كۆل سۈيىنىڭ چوڭقۇر- تېيىزلىقىغا قاراپ مەنزىرىسىمۇ ئۇخشىمايدۇ. قىرغاققا يېقىن ئارلىقتىكى كۆل تىگى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان چۆكۈپ قالغان ئۆسۈملۈكلەر تەسىرىدىن قارىماققا سەل قارامتۇل؛ سەل ئىچكىرىلەپ كىرگەندە سۇس يېشىل رەڭ كۆرۈنىدۇ. يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگەندە ياپيېشىل زۇمرەك كەبى كۆل سۈيى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ. كۆكلىكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. قۇياش نۇرى تىمتاس كۆل يۈزىگە چۈشكەندە كۆل يۈزى قاشتېشىغا ئوخشاش كۆزنى چاقتىنىدۇ. لورۇڭ كالا فېرمىسىدىن نيۇنەيخەي كۆلىگە تەخمىنەن 4 يېرىم كىلومېتىر بولۇپ، بۇ ئارلىقتا قاتنايدىغان مەنزىرە رايۇنى ساياھەت ئاپتوموبىلى بولمىغاچقا پەقەت ئىككى پۇتىڭىزغا تايىنىپ تاماشا قىلسىڭىز بولىدۇ ۋە ياكى لورۇڭ كالا فېرمىسىدا ئاتتىن بىرنى ئىجارە ئېلىپ مىنىپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاتقا مىنىپ بېرىپ- كەلسىڭىز تەخمىنەن 2- 3 سائەت؛ ئەگەر پىيادە ماڭسىڭىز 3- 4 سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى بىر قەدەر يۇقىرى، ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئالغا قاراپ مېڭىشنى تاللىغان بولسىڭىز چوقۇم ئالدىن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، ئۆز بەدەن سۈپىتىڭىز ۋە شارائىتىڭىزغا قارىتا دەڭسەپ ئاندىن مېڭىشنى يادىڭىزدىن چىقارماڭ. نيۇنەيخەي كۆلىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر يەنە زېھنىڭىز ۋە بەدەن قۇۋۋىتىڭىز يېتەرلىك بولسا داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىپ ۋۇسېخەي كۆلىنى كۆرۈپ كەلسىڭىز بولىدۇ. ۋۇسېخەي كۆلى شيەننەيرى تېغى بىلەن ياڭمەييۇڭ تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4 مىڭ 600 مېتىر. كۆل يۈزى يۇمىلاق شەكىلدە، كۆلىمى 0.7 گېكتار. مۇز جىلغىسى ئاستىغا سوزۇلغان. قارلىق تاغنىڭ كۆل يۈزىدىكى ئەكسى كۆز ئالدىڭىزدا غايىۋى مەنزىرىنى نامايەن قىلىدىغان بولۇپ، بۇ شىزاڭ رايۇنىدىكى داڭلىق مۇقەددەس كۆل. گەرچە نيۇنەيخەي كۆلىنىڭ گورزىنتال چۈشۈش ئارلىقى پەقەت 100 مېتىرلا بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ۋۇسېخەي كۆلى دائىرىسىگە قەدەم قويغان ئاشۇ ۋاقىتتا بىردىنلا بېشى قېيىپ، يۈرىكىنىڭ قېپىدىن چىقپ كەتكۈدەك دەرىجىدە سوقۇپ كەتكەنلىكى، ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتىشقان. ئەمەلىيەتتە مۇقەددەس تاغنىڭ تاغ باغرىغا جايلاشقان ۋۇسېخەي كۆلى ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە ئاجايىپ كۆل، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۈلرەڭ ئاقۇش قۇم- شېغىللارنىڭ ئوراپ تۇرىشى بىلەن بۇ كۆل قوڭۇررەڭ، يېشىل ۋە كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭنى ھاسىل قىلغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ كۆلنىڭ شەكلى يۈرەككە ئوخشايدۇ، قۇياش نۇرىدا ئوخشاش بولمىغان بەش خىل رەڭنى ھاسىل قىلىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى