قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىنىپ، خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

2018-10-10 19:05:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 162 مىڭ مو يەرگە كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 5- كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە باغچىسىدا ئالما ئۈزمەكتە.(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئورمان بايلىقى ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، باغ- ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نەپ ئالغان دېھقان 1 مىليون 700 مىڭغا يەتتى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە «ئېتىزلار چاسىلاشقان، ئورمانلار تورلاشقان، يوللار راۋانلاشقان، ئۆستەڭلەر تۇتاشقان» گۈزەل مەنزىرىنى كۆرەلەيسىز. كۆز ئالدىڭىزدىكى بۇ گۈزەل مەنزىرىگە قاراپ، بۇ جاينىڭ ئىلگىرى قۇم- بوران مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيسىز. كۆپ يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق ئونسۇ ناھىيەسى بوستانلىقنى مەركەز قىلغان ئىھاتە ئورمان تور سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ئەتراپتىكى سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى مۇقىملاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئېكولوگىيەنىڭ سۇ مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇردى.

  ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خاۋ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ناھىيە بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئورمانلىق كۆلىمى 364 مىڭ 700 موغا يېتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %0.08 تىن كۆپرەك ئاشتى. قۇم- بورانلىق ھاۋارايى ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە يىلىغا 64 كۈن كۆرۈلۈشتىن 26 كۈن كۆرۈلۈشكە چۈشتى. بۇلتۇر ناھىيە بويىچە چىلان، ياڭاقنى ئاساس قىلغان خاس باغ- ئورمانچىلىق كۆلىمى 1 مىليون 250 مىڭ موغا يېتىپ، باغ- ئورمانچىلىقنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەن بولدى.

  تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئونسۇ ناھىيەسىنىلا نەپكە ئېرىشتۈرۈپ قالماي، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ خۇڭشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشۇردى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قاتارلىق ئورمانچىلىق مۇھىم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بىلەن ماس قەدەمدە قىلىنىش ئارقىلىق، ئورمان بەرپا قىلىش كۆلىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، ئورماننى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، چاتقال ۋە ئوت- چۆپ بىرلەشتۈرۈلگەن زېمىن ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى.

  تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ بېيىشنىڭ «پايدا»سىغا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق يولى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 12 مىليون مو خاس باغ- ئورمانچىلىق بازىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2000- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى باشلىغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە، دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزغا 17 مىليون 618 مىڭ 300 مو تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسى چۈشۈرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلىدىغان 13 مىليون 587 مىڭ مو قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى تولۇق ئورۇندىلىپ بولغان، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى