قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مارالبېشى بېلىق كاۋىپى

2018-10-12 19:28:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بېلىق كاۋىپى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئەنئەنىۋى يېمەكلىك بولۇپ، مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ بېلىق كاۋىپى ئەڭ داڭلىق. مارالبېشىنىڭ بېلىق كاۋىپى تەييارلاش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، نامى يىراق ـ يېقىنغا تارالغان.بېلىق كاۋىپى تەييارلاشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: ئىككى كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كارپ بېلىقىنى تاللاپ، پاكىز يۇيۇپ، قورساق قىسمىنى يېرىپ، كەڭ يېيىپ، چوكا توملىقىدىكى بىر قانچە دەرەخ شېخى بېلىق تېرىسىدىن توغرىسىغا ئۆتكۈزۈلىدۇ، بېلىقتىن 30 نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇن كېلىدىغان يەنە بىر تال تومراق دەرەخ شېخى بېلىق دۈمبىسىنى بويلاپ بېلىق تېرىسىدىن تىكىگە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن تەييارلانغان بېلىقلار يېرىم يۇمىلاق شەكلىدە يەرگە سانجىلىپ، ئاخىرىدا شۇ جايدىكى ئالاھىدە دەرەخ شاخلىرىدىن يېقىلغان گۈلخاندا كاۋاپ قىلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن ئوتقا قاقلىغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تۇز سۈيى، قارىمۇچ تالقىنى، زىرە قاتارلىق دورا ـ دەرمەكلەر سېپىلىدۇ، بېلىقنىڭ بىر تەرىپى پىشىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر تەرىپى ئوتقا قاقلىنىدۇ. بۇنداق پىشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى يۇمشاق ۋە تەملىك بولۇپ، غەيرىي پۇراق بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى