قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈز پەسلىدە جىگەرنى ئاسراش ۋە قۇۋۋەتلەش

2018-10-13 22:08:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىگەر ئادەم بەدىنىدىكى ماددا ئالماشتۇرىدىغان ئەڭ چوڭ ئەزا، بىز يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى جىگەرنىڭ بىرىكتۈرۈشىگە، پارچىلىشىغا موھتاج. ئەمما جىگەر ئىنتايىن ئاسان «كېسەل» بولىدىغان ئەزا، كۈز پەسلىدە ئۇنى كۈندىلىك ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم. كۈز پەسلىدە جىگەرنى كۈندىلىك ئاسراشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا تۆۋەندىكىچە:
1. مۇۋاپىق يەپ- ئىچىش. جىگەرنى ئاسراش، قۇۋۋەتلەشتە ۋېتامىن، ئاقسىل مول بولغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، يېڭى مېۋە- چېۋە، سەي-كۆكتاتلارنى يېيىشكە بولىدۇ. ئەمما چوقۇم مىقدارىنى كونترول قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك، ئەگەر قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىق بەك يۇقىرى بولۇپ، بەدەن سەرپ قىلىپ بولالمىسىمۇ، جىگەر كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ.
2. سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش. سەھەر ۋاقتى جىگەرنىڭ ئەڭ جانلىنىدىغان ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت قىلغاندا، جىگەر ئىقتىدارىنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە تەڭشىگىلى بولىدۇ.
3. قەرەللىك ھەرىكەت قىلىش. چارچاش ھېس قىلغاندا كېرىلىش، مۇسكۇل-سۆڭەك ھەرىكەتلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق، قان ۋە قۇۋۋەتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئارىلاپ ۋېلىسىپىت مىنىپ بېرىشمۇ جىگەرنى ئاسراشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.
4. پەللە ئۇۋۇلاش. ئوڭ- سول يوتىنىڭ سىرتىنى ھەر كۈنى 50 قېتىم يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، بەدەننىڭ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ھەم كەيپىيات تەڭشەش، جىددىيلىكنى پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى