قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جىنتا توغراقلىقى يەنى ئالتۇن مۇنار توغراقلىقى

2018-10-15 19:02:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جىنتا توغراقلىقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرى جىنتا ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىكى چاۋخۇ ئورمانچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ، دەرەخ تۈرلىرى ئىنتايىن مول. بۇ يەردىكى توغراقلار باھارنىڭ ئىللىق شامىلىدا يەلپۇنۇپ، يازنىڭ يامغۇرىدا يۇيۇلغاندىن كىيىن، چۆللۈكتىكى تۇنجى قىروۋ چۈشكەندە، توغراقلىقلار يېشىللىقتىن سۇس سېرىققا ئۆزگىرىدۇ. كۈز شامىلى چىققاندا، توغراقنىڭ ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلىرى «شار- شۇر» قىلىپ يەر يۈزىگە تۆكۈلۈپ، زېمىنغا ئالتۇن رەڭلىك گىلەم ياپىدۇ. جىنتادىن ئىبارەت بۇ توغراقلىق كۆپكۆك كۆل بويىدا بولغاچ ناھايىتى گۈزەل. ئالتۇن رەڭلىك يوپۇرماقلار كۆل سۈيىدە ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 10- ئاي.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى