قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مورى توغراقلىقى

2018-10-15 19:04:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مورى توغراقلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مورى ناھىيەسى مېڭشا تېغىنىڭ شىمالىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىگە جايلاشقان. بۇ يەردىكى توغراقلار دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئىپتىدائىي توغراقلىق ھېسابلىنىدۇ. مورى توغراقلىقى مېڭشا تېغىغا يېقىن، قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان. بۇ يەردە توغراقلار، يۇلغۇن، قومۇشلار قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، 400 ياشتىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە توغراقتىن تەخمىنەن 27 مىڭ تۈپى بار. كۆلىمى 30 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ توغراقلىق نۇرغۇن بوران- چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئەڭ چوڭ توغراقنىڭ ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنى ئۈچ ئادەم ئاران قۇچاقلىيالايدۇ. بۇ يەردە بايقالغان «توغراق شاھى» دەپ ئاتالغان توغراقنىڭ دىيامېتىرى 3.1 مېتىر كېلىدۇ. توغراقلىققا كىرگەندە، يۈزىمىزگە بىر خىل ئىپتىدائىي پۇراق ئۇرۇلىدۇ، بۇ سىزگە ئىپتىدائىي ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇ توغراقلىقنىڭ ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى ھەر يىلى 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ بېشىغىچە بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى