قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مارالبېشى توغراقلىقى

2018-10-15 19:06:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نۇرغۇن جايلار ئۆزلىرىنىڭ توغراقلىقلىرىنى ھەممىدىن چوڭ، دەپ ماختايدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توغراقلىق زادى قەيەردە؟ بۇنىڭ جاۋابى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە. بۇ توغراقلىقلارغا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاڭ سېڭمۇ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لىن زېشۈمۇ بېرىپ باققان. مارالبېشى ناھىيەسىدە ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان 3 مىليون 160 مىڭ مو ئىپتىدائى توغراقلىق بار.
 يەكەن دەرياسى، قەشقەر دەرياسى بۇ توغراقلىق ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قويۇق ئۆسكەن ئالتۇن توغراقلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ يەردە زۇمرەتتەك كىچىك كۆللەر شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ كۆل ئەتراپىدا توغراقلار قويۇق ئۆسىدۇ. بۇ يەردىكى ئۆسكەن توغراقلار «كۆل بويىدىكى توغراق» دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ خىل توغراق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. ھەر يىلى كۈز پەسىلى يېتىپ كەلگەندە، ئالتۇن رەڭلىك توغراقلار سۇ يۈزىدىكى قومۇشلۇق بىلەن ماسلىشىپ، سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىدۇ. 10 مىڭغا يېقىن ئاق قوتان، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ئۈزۈپ يۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىدەك گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرگە بىر خىل گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ. بۇ جايدا بەزىدە دولان مەشرىپىنىڭ شادىيانە ۋە قىزغىن مېلودىيەلىرى، «سۇ، دەرەخ، ئادەم» تىن ئىبارەت ھاياتلىق سىمفونىيەسى ياڭراپ، مارالبېشىنىڭ ئەڭ گۈزەل توغراق مەنزىرىسى ۋە زامان- ماكاندىن ھالقىغان دولان خەلقنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، ھېكايىسى بىلەن ناخشا- ئۇسسۇلى نامايان قىلىنىدۇ. مارالبېشىنىڭ ئەڭ گۈزەل توغراق مەنزىرىسىنى سەيلە قىلسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى