قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاتلىقياڭيۇ يۇپۇرمىقى

2018-10-16 13:00:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شامال بۇلۇتلار ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ، تاغ جىلغىسىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، ئاستا- ئاستا ئېتىزدىكى دېھقانلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلماقتا. دېھقانلار بېلىنى ئېگىپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ۋاقىتتا، كۈزنىڭ سوغۇق شەبنەمىنى ھېس قىلماقتا ئىدى.

تاغ تۆپىسىدىكى كەڭ كەتكەن تاتلىق ياڭيۇلۇق ئاخىرقى باسقۇچتا پەسىل بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى، دېھقانلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرماقلىرى بوينىنى تىك تۇتۇپ، پەسىل ئايلىنىشنىڭ تەكرارلىنىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمان- زېمىننىڭ شەبنەم جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىككە قاراپ توختىماي يىلتىز قىسمىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئادەتتىكى چاڭ- توزانغا ئوخشايدىغان بۇ يوپۇرماقلار، نۇرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن مۇرەككەپ خىمىيىلىك رېئاكسىيە ئارقىلىق، بىر تال ئىنچىكە يىلتىز غولىنى مېۋىگە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كۈچى تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋاناتلاردىن قىلچىمۇ قېلىشمايدۇ ياكى تېخىمۇ كۈچلۈك.

كۈز شامىلى ئاچچىق چىققاندا، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىنىڭ ئېتىزدىكى بۇرچى ئاخىرلىشاي، دەپ قالغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر جەڭ مەيدانىنىڭ ئېچىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئورمانلىقتىكى قىرغاۋۇلنىڭ تۇيۇقسىز چىرقىرىغان ئاۋازى جىمجىت جىلغىدا جاراڭلاپ، كۈزنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى. تاغ جىلغىسىدىن بىر توپ ئادەم كېلىۋاتاتتى. ئۇلار مۈرىسىگە سېۋەت ئېسىۋالغان، قولىغا يەنە بىر سېۋەت كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، قەدەملىرى كۈچلۈك، بەكمۇ چاققان ئىدى. ئۇلارنىڭ يەڭلىرى تۈرۈلگەن، قولىنىڭ كۆك تومۇرلىرى كۆپۈپ چىققان بولۇپ، ئاچچىق كۈز شامىلىدا تۆمۇردا ئېقىۋاتقان قاننىڭ قايناق ھېسسىياتقا تولغان سوقۇش ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. ئۇلار يىراقتىنلا بۇ يېشىللىققا دىققەت قىلغان ئىدى. مۇنبەت تۇپراقتا تەبىئىيلا بولۇق زىرائەت ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ تاتلىق ياڭيۇلۇق ئاياللارنىڭ نەزىرىدە خۇددى ئۆزىنىڭ تەنتەك، كەپسىز بالىسىغا ئوخشايتتى.

بۇ مۇنبەت قارا تۇپراق بولۇپ، يەر يۇمشاقلىقىدىن ئەمدىلا قازاندىن چىققان ھورنانغا ئوخشاپ قالغان، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كۈزدىكى ئارزۇسىدەك ناھايىتى مۇنبەت ئىدى. بىر ئوچۇم توپىنى ئېلىپ سىقىمدىغاندا بارماق ئارىسىدىن خۇددى ماي ئېقىۋاتقاندەك بولىدۇ. تاتلىق ياڭيۇنىڭ يوپۇرمىقى چوڭ بولۇپ، يوپۇرماقتا يېشىل بوتقىلار ئېقىپ تۇراتتى. تاتلىق ياڭيۇنىڭ غولى يۇمران، ئۆزى چوڭ، ئېتى كۆپ، يىپى ئاز. يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان تاتلىق ياڭيۇ تۇپراق قەۋىتىنى يېرىپ چىقىپ، سۇس قىزىل ياكى قوڭۇر رەڭلىك تېرىسىنى نامايەن قىلاتتى. ئۇلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن، يەر ئاستىدىكى مىقدارىغا ئاساسەن، ناھايىتى تەجرىبىلىك ھالدا بۇ پەسىلدىكى ھوسۇلغا ھۆكۈم قىلغىلى بولاتتى.

ئاياللار سېۋەتنى يول بويىغا قويۇپلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇلار تاتلىق ياڭيۇ غولىنى تارتىپ بىر سېرىسىلا، غولى ۋە يوپۇرمىقى پېلەكتىن ئايرىلىپ، تاتلىق ياڭيۇ بىر پەسىل يوشۇرۇنغان ئىللىق ماكان بىلەن ئۈزۈل- كېسىل خوشلىشاتتى. سېۋەت ناھايىتى تېزلا توشتى، يۈدمە سېۋەتمۇ توشۇپ كېتەي، دەپ قالدى. ئەگەر سېۋەتتىكى تاتلىق ياڭيۇ باغلاپ قويۇلمىغان بولسا، بۇرۇنلا چېچىلىپ ھەر تەرەپكە قاچقان بولاتتى. ئاياللار ياتلىق ياڭيۇ قاچىلانغان ئېغىر سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ دەلدەڭشىپ كېتىۋاتاتتى. ماڭغاندىكى گۈپىلدىگەن ئاۋاز تاغ جىلغىسىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، پەسىلنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كىرىپ كەتتى.

دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرى كۈزنىڭ ئاپتىپىدا قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلا ئاپتاپتا دېزىنفىكسىيە قىلىنغان بىر قاتار كۆكتات ئىدىشى، لىق سۇ قاچىلانغان داس، يەنە قارا چوڭ قازانلار، ھويلىنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىدا جىمجىت ھالدا تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. ئاياللارنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى بۇ جىمجىت ھويلىنى شاۋقۇن- سۈرەنگە چۆمدۈردى. ھويلىدىكى تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقى، كۆك پىيازنىڭ پۇرىقى پۈتۈن يەرنى قاپلاپ، ھەتتا ئېتىزلاردىكى توخۇ، ئۆردەك، غازلارمۇ مۇشۇ پۇراققا ئەگىشىپ يېتىپ كەلگەن، پۈتكۈل كەنتنى مۇشۇ شىرنىلىك ھەم تاتلىق، يېڭى ھىد قاپلىغان ئىدى.

قوشنىسى «ھامما، بۈگۈن تۇزلانغان ئاچا سەي قىلامسىز؟» دەپ، سورىدى. ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ ھويلىدىكى خۇددى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىغا قاراپ «شۇنداق» دەپ جاراڭلىق جاۋاب بەردى. لېكىن، ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خىل ئامالسىزلىق، شۇنداقلا يەنە ئازراق پەخىرلىنىش ھېسسىياتى چىقىپ تۇراتتى.

چوڭ داستىكى سۇ شالاقشىپ كەتتى، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقى بىر بىرلەپ سۇغا بېسىلىپ، پاكىز يۇيۇپ بولۇنغاندىن كېيىن يەنە سۈزىۋېلىنىپ، كۈچلۈك ئوتتا قاينىغان قازاندىكى سۇغا بېسىلدى. ئەسلىدىكى مايسىرەڭ يوپۇرماقلار بىر دەمدىلا زۈمرەتتەك ياپيېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، خۇددى بوياق بىلەن بوياپ قويغاندەك پارقىراپ تۇراتتى.

ئايال چاققانلىق بىلەن ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ، ئالاھىدە ياسالغان ئارا بىلەن تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىنى قايناق سۇدىن سۈزۈۋېلىپ، سۈيىنى سەل ساقىتىۋەتكەن كېيىن، ياندىكى ئىدىشقا تاشلىدى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پىششىق ھەم رىتىملىك ئىدى. يۈزىدىن توختىماي تەر تامچىلىرى ئېقىپ تۇراتتى، ئۇ بەزىدە بوينىدىكى لۆڭگى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ قوياتتى. ئۈلگىرەلمىگەندە، تەر تامچىلىرى يۈزىنى بويلاپ قازانغا چۈشۈپ، تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقىنىڭ تومۇرىغا سىڭىپ كېتەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قىشتىكى شېرىن چۈشكە ئورتاق تەييارلىق قىلاتتى.

ئايالنىڭ كۆڭلىدە ئۇنداق كۆپ شېئىرىي تۇيغۇ يوق. ئۇ پەقەت ھويلىدىكى تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرماقلىرىغا قاراپ، كۆڭلى ناھايىتى خۇشال بولدى. ھېچ بولمىغاندا، كېلەر يىلى باھاردا ئۇ تاماق ئېتىدىغان نەرسە بار بولغان ئىدى. ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلەيدىغان ئېرى، يەنە بىر توپ ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىنى قوزغايدىغان بالىلىرىنى ئەسلىسە، ئايالنىڭ ھارغىن بەدىنىگە يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلۇپ، كۆك تومۇرلىرى قايتىدىن جانلىنىپ، ھەرىكىتىمۇ باشقىدىن چاققانلىشىپ كەتتى.

ئاخىرى، ھويلىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. كىچىك تاغقا ئوخشاش تاتلىق ياڭيۇ يوپۇرمىقى يوقىدى، ئۇلار ئاشخانىدىكى قاتار- قاتار ساپال ئىدىشلارغا قاچىلىنىپ، قازاندا ئېشىپ قالغان يېرىم قازان سۇمۇ ئۈزۈل- كېسىل جىمىپ، قېنىق قوڭۇر رەڭلىك يۇپۇرماق سۈيىدىن كۆپۈك چىقىپ، بايىقى تەلۋىلىكىنى يوقاتقان ئىدى. ئېرى دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كۆتۈرۈپ، بالىلار سومكىلىرىنى ئېسىپ ھويلىغا كىرگەندە، بۇ يەر يەنە قىزىپ كەتتى.

يېرىم كېچە بولغاندا، ساپال ئىدىشتىن غۇرت- غۇرت قىلغان ئاۋازلار ئاڭلاندى، ئۇ يوپۇرماقلار يەنە مۇرەككەپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى تاتلىقياڭيۇ يوپۇرمىقىدىكى قەنت ماددىلىرىنى پارچىلاپ، باشقا باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ تۇراتتى. ئايال ئاشۇ كىچىك بالىلار بىلەن ئاچا سەينى بىر- بىرلەپ يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، بالىلارخورەك تارتىشقا باشلىغاندا، ئاندىن كارىۋاتقا چىقتى. ئۇ پۇتىنى سوزۇپ ئۇخلاۋاتقا ئېرىنى تېپىپ قويدى، ئېرىنىڭ خورەك ئاۋازى ئازراقمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىدى. ئايال غودىراپ، گەپ ئېغىزدىن چىقىپ بولغىچە، ئۆزىنىڭ خورەك ئاۋازىمۇ ياڭراشقا باشلىدى.

«مەززىلىك كۆكتاتلارنى زاپاس ساقلاشقا قىلدىم تەييارلىق، قىش پەسلىدىن چىقىش ئۈچۈن خاتىرجەم». بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئاسايىشلىق تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنىشى ئىدى. دېھقان خەق «نەزمىنامە» دىكى پاساخەتلىك سۆزلەرنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئامال قىلىپ ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇپ، تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا ياشاش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى