قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مېنىڭ مېۋەم

2018-10-16 13:01:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىتابنى كىشىلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ «مېۋىسى» دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئوخشىتىش مېنىڭچە ناھايىتى جايىغا چۈشكەن. خۇددى كېپىنەك گۈللەردىن ئۇچۇپ ئۆتكەن، بۇلاق سۈيى جىغىلاردىن ئېقىپ ئۆتكەندەك، ھەر قېتىم ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمنى ئەسلىگىنىمدە، ھېلىھەم خۇشاللىقىمنى باسالماي قالىمەن. شۇنداق ئەسلىسەم ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا ئوقۇغان كىتابلار خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان رەسىمگە، نوتىلاردىكى شوخ ئاھاڭ بۆلەكلىرىگە ئوخشاش ھاياتىمغا گۈزەللىك بېغىشلايتتى.

مېنىڭ ئەڭ دەسلەپ ئۇچراشقان ئوقۇشلۇقۇم بولسا بالىلار ھەمىشە «تاماكا ئادەم» دەپ ئاتايدىغان رەسىملىك كارتا ئىدى. ئۇ سەرەڭگە قېپىدىن سەللا چوڭ قاتتىق قەغەز كارتىسى بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە رەسىم، كەينى تەرىپىگە خەت بېسىلغان ئىدى. ئۇ ھەر بىر قاپ تاماكىغا قوشۇپ بېرىلدىغان سوۋغات بۇيۇمى ئىدى.

چوڭلار بالىلارنى تاماكا ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىغاندا، ئوغۇللار بۇ چىرايلىق رەسىمنى ئېلىۋېلىپ قاچاتتى، بىز قىزلار بولساق قاپاقلىرىمىزنى ساڭگىلىتىشىپ قالاتتۇق. ئۇنداق رەسىملىك كارتىدىن جىق يىغىۋالغاندىن كېيىن، بالىلار بىلەن «تاماكا ئادەم» نى ئېتىش مۇسابىقىسى ئېلىپ باراتتۇق- دە، كىمنىڭ يىراققا ئاتىدىغانلىقىغا قارايتتۇق. بۇ ۋاقىتتا، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن باشقىلارغا ۋارقىراپ مەدەت بېرەتتىم، سەۋەبى يەڭگۈچى ئاخىرىدا بىر تۇتام رەسىملىك كارتىغا ئېرىشەلەيتتى. رەسىملىك كارتىلارغا «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق ھېكايىلەردىكى مەزمۇن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كىچىك رەسىملەر سىزىلغان بولۇپ، بۇ مەن كۆرگەن تۇنجى بىرلەشمە رەسىملەر ئىدى.

دەسلىپىدە مەن بۇ رەسىملەرنى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ كۆرەتتىم، بارا- بارا ئۇنى كۆرۈپ پۇخادىن چىقمايدىغان بولۇپ قالدىم. كېيىن مەن بىر نەچچە پارچە ھەقىقىي رەسىملىك كىتابلارنى كۆرۈدۈم. بىر گۈزەل- سەنئەت مۇئەللىمىمنىڭ نەچچە پارچە رەسىملىك كىتابلىرىنى زېرىكمەي سەۋدايىلارچە كۆرەتتىم. «رەڭدار گۈل» دېگەن رەسىملىك كىتابنى كۆرگىنىمدە، خىياللىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر قانات قاقاتتى. «قانلىق قىساس» ناملىق رەسىملىك كىتابنى كۆرگىنىمدە بولسا ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلگەن ئىدى. كېيىنچە ئاكامنىڭ دوستى ماڭا «لىيۇ دېلەننىڭ تەرجىمىھالى»، «زويا بىلەن شۇلارنىڭ ھېكايىسى»، «گۈلىيارنىڭ يولى» قاتارلىق بىر نەچچە پارچە كىتابنى سوۋغا قىلدى. قولۇمدىكى بىر پارچىسىنى بولسا تاماق، ئۇيقۇ دېگەنلەرنى ئۇنتۇغان ھالدا ئوقۇۋاتاتتىم.

ئاستا- ئاستا رەسىملىك كىتابلارمۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمنى قاندۇرالماس بولۇپ قالدى. شۇ مەزگىللەردە، بازىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت بېكىتىدىكى بىر كۈتۈپخانىدا «بوستانلىق» دېگەن بىر پارچە كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى سومكامنى ئۆيگە قويۇپ قويۇپلا شۇ كىتابخانىغا يۈگرۈيدىغان بولدۇم. نەچچە ئاي تىرىشىش ئارقىلىق، مەن بۇ كىچىك كىتابخانىدىكى بارلىق ئەدەبىيات- سەنئەت كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئۇ چاغلاردا كىتابنى شۇنچىلىك تېز ئوقۇيتتىم، پىكىر يۈرگۈزۈش يوق دېيەرلىك ئىدى، قارىغۇلارچە ئوقۇيتتىم، چۈشىنىشكە ھەم تىرىشمايتتىم. مېنى جەلب قىلىدىغىنى ھېكايە، ھەر خىل شەخسلەرنىڭ تەقدىر- قىسمەتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ قايغۇسى ۋە شادلىقى بىلەن بىرگە خۇشاللىناتتىم ھەم ئازابلىناتتىم.

شىكىسپىرنىڭ «كىتاب پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوزۇقى» دېگىنىدەك، ماڭا ئوخشاش كىتاب ئوقۇسا قورساقنىڭ ئاچقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن، ئۇنىڭ رولى ھەقىقەتن تىل بىلەن تەسىۋىرلىگۈسىز ئىدى. كىتابقا مەستەنا بولۇش ماڭا مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. باشلانغۇچ 3- يىللىقتىن باشلاپ، مېنىڭ يازغان ماقالىلىرىم ھەر دائىم پۈتۈن سىنىپ بويىچە ماختىلاتتى. كىتاب ئوقۇش ھەم مېنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچۈمنى زور دەرىجىدە موللاشتۇرغان ئىدى. ئۆيدە گۈللۈك تاش تاملارغا بىر ھازا قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ھەر خىل چۆچەكلەرنى توقۇپ سۆزلىيەلەيتتىم. بىرەر مېيىپ كىشىگە ئۇچراپ قالسام، ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپلا ئۇنىڭ ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى توقۇپ چىقاتتىم.

ئىسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىم «كۈز كەلدى» دېگەن تېمىدا ماقالە يازدۇق. مۇئەللىم ئۈلگە سۈپىتىدە بىر بۆلەكنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ساۋاقداشلىرىم ئاساسەن دېگۈدەك «كۈز كەلدى، يوپۇرماقلار سارغىيىپ، يەرگە چۈشۈشكە باشلىدى» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا يازغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈمدە: «بۇلارنىڭ يازغانلىرى نېمىدېگەن مەنىسىز، مەن كۈز پەسلىگە ئۆزۈمنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ، ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتىم بويىچە يازىمەن» دەپ ئويلىدىم.

مەن ماقالەمدە كۈز پەسلىنى ئالتۇن رەڭلىك كۆڭلەك كىيگەن پەرىزات قىزغا ئوخشاتتىم. ئۇ يەڭگىل كىيىم- كېچەكلىرىنى قۇياشنىڭ ئىسسىتىشى بىلەن يورۇق، ئازادە زېمىنغا ئاستا سېلىپ تاشلىدى. ئۇ كەڭرى كىيىملىرى بىلەن سوغۇق شامالىنى توسۇپلا قالماي، مەي باغلىغان مېۋىلەرنى ئېلىپ كىشىلەرگە سوۋغا قىلدى. سىلەر كۈز پەسلىنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇنىڭ ساپ ھاۋالىرىنى، چىرايلىق بۇلۇتلىرىنى ياخشى كۆرىسىلەر، ئۇنىڭ ئەتراپقا تارقاتاقان شېرىن ھىدىنى ياخشى كۆرىسىلەر. كۈز پەسلى بولسا دېھقانلارنىڭ خۇشاللىق كۈلكىسى.

شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ يازغان ماقالەم «ئەلا» بولۇپ باھالاندى. مۇئەللىم ماقالەمنى سىنىپتا ئۈلگە سۈپىتىدە ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن، بىر قىسىم سۆز جۈملىلىرىمنى چەمبەر ئىچىگە ئېلىپ قويغان ئىدى.

بۇ كىچىككىنە شەرەپ ماڭا شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرگەنىدى: «ماقالىدە، ئالدى بىلەن يازغۇچىدا ئۆزگىچە تەپەككۈر بولۇشى؛ قەلەم تەۋرەتكەندىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان «ئۆزگىچە پۇراق» بولۇشى كېرەك. بۇ خىل بىلىم ئەلۋەتتە تەبىئىيكى دەرستىن سىرتقى كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدۇ».

كېيىنچە، ئادەتتىكى ھېكايە كىتابلارنى كۆرۈش بىلەن قانائەتلىنىپ ئولتۇرمايدىغان بولدۇم، مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىكى رەڭگارەڭ كىتابلار مېنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتاتتى. بولۇپمۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان جۇڭگۇ ۋە چەتئەلنىڭ رومانلىرى مېنى جەلب قىلىۋالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن دەرستىن سىرتقى بارلىق ۋاقتىمنى كۈتۈپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشقا سەرپ قىلدىم. كىتاب ئوقۇغاندا خاتىرە قالدۇرۇشنى ئادەت قىلدىم- دە، كىتابتىكى گۈزەل سۆز- ئىبارىلەر، ئېسىل تەسۋىرى ئابزاسلارنى خاتىرىلەپ قويىدىغان بولدۇم.

خاتىرە قالدۇرۇش مېنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىمنى ئۆستۈردى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇردى.

بىر قېتىم «كۆڭۈلسىز ئىشلار» دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەن خۇددى ئۆز ئىقتىدارىمنى نامايان قىلىدىغان ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشكەندەك ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۇچرىغان بىر ئۇۋالچىلىقىمنى يازغان ئىدىم. ئۆزۈم تىرىشىپ توپلىغان قايغۇ- ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان سۆز- جۈملىلىرىم ماقالەمدە خۇددىي ئېچىتقۇغا ئوخشاش ئۆز رولىنى كۆرسەتكەن ئىدى. مەن ماقالەمنى «سوغۇق گۇگۇم ۋاقتىدا» دېگەن سۆز بىلن باشلاپ، «ئاينىڭ سۈتتەك گۈزەل يورۇقى ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ خۇشال كۈلكىلىرى ۋە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان قىزنىڭ يالغۇز غېرىپلىقى» دىن تارتىپ ھەممىنى يازدىم ھەمدە يېزىۋېتىپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالماي كۆز يېشىمۇ قىلدىم. بۇ ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن يېزىلغان بۇ ماقالەم ياخشى باھاغا ئېرىشىپلا قالماي، چوڭ خەت بىلەن كۆچۈرۈلۈپ سىنىپنىڭ تېمىغا چاپلاپ قويۇلدى. ئەمما، ماقالەمدىكى «خۇددى قاشتېشى تەخسىسى كۆك ئاسمانغا سىڭىپ كىرگەندەك» دېگەن جۈملىلىرىمنى مۇئەللىم قىزىل قەلەمدە بوياپ قويۇپ، بۇ جۈملىڭىز ياخشى ئېلىنىپتۇ، دېگىنىدە، يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. مەن بۇ ماختاشنى ئۆزۈمگە لايىق كۆرمىگەن ئىدىم. چۈنكى، بۇ تەسۋىرلەرنى مەن باجىن ئەپەندىنىڭ «ئائىلە» دېگەن كىتابىدىن تولا ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرىۋالغان جۈملە ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر نۇقتىنى چۈشىنىۋالدىم. ماقالە يازغاندا ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن ھەقىقىي ئىشلارنى يېزىش كېرەك. ماقالە مەشىقىدە ئۆرنەك قىلىش ۋە تەقلىد قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما كىشىنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىجادىيەت بولۇشى لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى