قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش

2018-10-17 10:27:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

-ئاقسۇ كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش خاتىرىسى (4)
مۇخبىرلىرىمىز جاڭ خەيفېڭ، ليۇ دۇڭلەي، سۈي يۈنيەن
 
ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە دەريا قىرغىقىنىڭ مەنزىرىسى (10- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان.)(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)


ئاقسۇنى ئايلانغىنىڭىزدا، خۇددى يېشىللىققا تولغان بىر نەپىس ئىنچىكە سىزما رەسىم ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەھەرنىڭ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك، گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. گۈللەپ ياشناۋاتقان سەھرادا ئاق تېرەكلەر يوللارنى قوغداپ تۇراتتى، ئۆيلەرگە يېشىللىق سايە تاشلايتتى. كەڭ ئاقسۇ زېمىنىدا، پارچە- پارچە يېڭى يېشىللىقلار ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ دەريادەك سوزۇلۇپ، يېشىللىق دېڭىزىنى ھاسىل قىلغانىدى. 

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى ئاساسىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ۋەزىيىتى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان تەسىرلىك مېلودىيەنى ياڭراتتى. 

 كۆرگەنلا يەرگە بىنا سېلىشتىن كۆرگەنلا يەرنى كۆكەرتىشكىچە 

 بىر تەرەپتە يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى نەچچە مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان ئۆي- زېمىن تۈرى، يەنە بىر تەرەپتە 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئورمان باغچىسى، زادى قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟ 

 كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن كەچكەندىلا، ئەۋلادلارغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان «يېشىل بانكا» قالدۇرغىلى بولىدۇ. 2017- يىلى 8- ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرنەچچە قېتىم دەڭسەپ كۆرۈش ئارقىلىق، يەر- مۈلۈك ئېچىش سودىگەرلىرى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى بىكار قىلدى. ئاقسۇ شەھەر رايونىنىڭ دەل شىمالىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئالتۇندەك گۆھەر زېمىندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى دەرەخلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئاقسۇدا بىر ئورمان باغچىسى بارلىققا كېلىپ، بىر «تەبىئىي ئوكسىگېنخانا» كۆپەيدى. 

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پۇقرالار «ھاياتلىقنى كۆزلىسە»، ھازىر «ئېكولوگىيەنى كۆزلەيدىغان» بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تاغلار دائىم يېشىل بولۇش، سۇلار سۈزۈك ئېقىپ تۇرۇش، ھاۋا دائىم ساپ بولۇش، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، دېگەنىدى. مانا بۇ ئاقسۇنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى يۆنىلىشى.  ئىلگىرى كۆرگەنلا يەرگە بىنا سېلىنغان بولسا، ھازىر كۆرگەنلا يەر كۆكەرتىلىدىغان بولدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، شەھەرنىڭ سۇ سىستېمىسى، كوچىلاردىكى يېشىللىقلار، كوچا مەركىزىدىكى باغچىلار، «شەھەر ئورمان ئىچىدە بولۇش، سۇ شەھەر ئىچىدە بولۇش، ئادەم باغ ئىچىدە بولۇش» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى بولۇپ قالدى. 

 ئورمان باغچىسىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، بۇ يىل 6- ئايدا رەسمىي ئېچىلغان ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى بار. 1800 مو كېلىدىغان دائىرە ئىچىدە ياۋا گۈللەر، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە مەجنۇنتاللار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن يېشىللىق 20 نەچچە چوڭ- كىچىك تەبىئىي كۆلنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. دائىم سەھەردە بۇ يەرگە كېلىپ چېنىقىدىغان ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى تۇردى ھوشۇر مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەردە ياشاۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى، ئىلگىرى يۇرتىمىزنىڭ بۇنداق گۈزەللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق، بۇ، قۇملۇقنىڭ چېتىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان مەنزىرە!  بۈك- باراقسان يېشىللىق بىلەن قاپلانغان، سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان، كىچىك كۆۋرۈكلەر بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە كىشىنى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ يۇرتىدا تۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرەتتى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر مەنزىرە بەلبېغى قۇچاق ئېچىپ ھەممەيلەننى قارشى ئالاتتى، بۇ جاي كىشىلەر كۈندە قويۇق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئىستىراھەت مەدەنىيەت رايونىغا ئايلانغانىدى.  گۈزەل مۇھىت ئاقسۇ شەھىرىنىڭ جەلپكارلىق كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. «دۆلەت دەرىجىلىك باغۋارانلاشتۇرۇلغان، كۆكەرتىلگەن شەھەر» ۋە «دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان شەھىرى» دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى يەنە جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر «ئەڭ مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت ساياھەت مەنزىلگاھى» بولۇپ باھالاندى. ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسى شەھەر رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى يەنە «جۇڭگو تۇرالغۇ مۇھىتى ئۈلگە مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئارقا- ئارقىدىن بۇ يەرگە كەلدى، كەسىپلەر توپلىنىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. «بۇ جاينىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. تەرەققىيات پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ، ئاقسۇدا ئۆز قىممىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز». ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ لېكەي خېنەنلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئەسلىدە ئىككى- ئۈچ يىل تۇرۇپلا يۇرتىغا قايتماقچى ئىدى، ھازىر ئۇ بۇ جايدا مەڭگۈ قالماقچى بولدى. 

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىختىساسلىقلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ رۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئاقسۇنىڭ كىلىماتى يېقىشلىق، مۇھىتى گۈزەل بولۇپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا. نۇرغۇن كىشى بۇ جايغا كېلىشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن سەل ئەندىشە قىلاتتى، ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ جاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بەك كۆپ پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى، بەزى جەھەتلەردە ھەتتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى بارلىقىنى بايقىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى تۈرلۈك ئىختىساسلىقلاردىن جەمئىي 2727نى كىرگۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور ۋە ماگىستىر 400دىن ئاشىدۇ. 

 گۈزەل مۇھىت ئۇيۇشۇش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرالايدۇ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى غۇلامجان رېھىم مۇنداق دېدى: مۇھىت ياخشىلاندى، ھەر مىللەت پۇقرالارنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈچەيدى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش رولىنى ئوينىدى. 

 ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش 

 ئاقسۇ دەرياسى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى يادرولۇق رايونىنىڭ مەنزىرە كۆرۈش مۇنارى ئۈستىدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز، قاتمۇقات گىرەلىشىپ كەتكەن، ئوي- دۆڭدىكى ئوخشىمىغان يېشىللىقنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى قورشاپ تۇرغانلىقىنى، پارچە- پارچە يېڭى يېشىللىقلارنىڭ ئاقسۇ دەرياسىنىڭ قىرغىقىنى بويلاپ ئۇزاققا سوزۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. كۆكيار مىليون مولۇق كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ئىككى «مىليون مو»لۇق ئېكولوگىيەنى تۈزەش قۇرۇلۇشى 2015- يىلى باشلاندى.  تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىزلىق، كۆل، ئوتلاق- ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، ئادەمنىڭ جان تومۇرى ئېتىزدا، ئېتىزنىڭ جان تومۇرى سۇدا، سۇنىڭ جان تومۇرى تاغدا، تاغنىڭ جان تومۇرى تۇپراقتا، تۇپراقنىڭ جان تومۇرى دەرەختە. ئاقسۇدىكى ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى ئېكولوگىيەنى تۈزەش كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش توسمىسى، قاتناش يول تورى، سۇچىلىق- سۇغىرىش، قاقاسلىقتا ئورمان بەرپا قىلىش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەريا بويى مەنزىرىسى ۋە ساياھەت ئىقتىدار رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق+ كۆپ تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۈچلۈك ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلدى. 

 بۇنداق ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلار سىستېمىلىق پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ. غۇلامجان رېھىم مۇنداق دېدى: ئورمانچىلىق تارماقلىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، چۆللۈك رايونىدىكى يېپىنچىلارنى ئەسلىگە كەلتۈردى، مۇھىت تارماقلىرى پاسكىنا سۇلارنى تۈزىدى، سۇچىلىق تارماقلىرى دەريا توسمىلىرىنى ئوڭشىدى، پۈتۈن رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتە ئورمان مۇھىتى، سۇ مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بىرتۇتاش پىلانلاندى. 

 چۆل- باياۋانلاردىكى كىچىك مۇھىتلار پەرقلىنىدىغان بولۇپ، شارائىتقا قاراپ تەدبىر قوللىنىش ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتقانلىق بولىدۇ. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرىدىكى 50 مىڭ مولۇق ئىقتىسادىي ئورماننى ئوراپ تۇرغان 10 مىڭ مو تېرەكلىك ۋە جىگدىلىكتە، تېخىمۇ كەڭ كەتكەن 220 مىڭ مولۇق قاقاسلىقتىكى ئوتلاقتا توسۇپ ئۆستۈرۈش چارىسى قوللىنىلغان بولۇپ، ئېكولوگىيە تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 

 سۇ- قاقاسلىقنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش- بولماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى. ئاقسۇ سۇ بايلىقى كەمچىل رايون، سۇچىلىق تارماقلىرى قىممەتلىك سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، كەلكۈن ئاپىتى ئېغىر بۆلەكلەردە كەلكۈننى باشلاپ توسۇپ ساقلاپ، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇردى. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۇمالاك دەرياسى يېنىدىكى جەرەنسايدا ئىلگىرى كەلكۈن كۆپ يۈز بېرەتتى، بۇ ئىككى يىلدا كەلكۈندىن مەڭگۈلۈك مۇداپىئەلىنىش توسمىسى ياسالدى، كەلكۈن باشلاش ئۆستىڭى، كەلكۈن باشلاپ توسۇپ ساقلاش ئىنشائاتى قۇرۇلغاچقا، 1300 مو جىغان بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ كۆكلەپ، قاقاسلىققا قايتىدىن يېڭى بىر پارچە يېشىللىق قوشۇلدى. 

 ئاقسۇ شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى لى لياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شەھەر مەنزىرە نۇقتىلىرىغا سۇ ئىشلىتىشتە قەرەللىك ھالدا ئېرىق- ئۆستەڭلەردىكى لايلارنى تازىلايتتۇق، ياز كېلىپ تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندە، دەريا يوللىرىدىن غەلىتە پۇراق چىقاتتى. ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن سۇلار راۋانلاشتى، تۇرۇبا تورى ئۇلاندى، ئەمدى شەھەر رايونى مەنزىرە نۇقتىسىغا سۇ ئىشلىتىشتە ھەر يىلى ئېرىق- ئۆستەڭلەردىكى لايلارنى تازىلىمايدىغان بولدۇق. باغچىدىكى 20 نەچچە چوڭ- كىچىك كۆلگە كەلكۈن سۈيى باشلىنىپ، لاي- لاتقىلار تىنىپ، ئېغىر مېتاللارنى سۈمۈرۈپ، سۇ مەنبەسى قوغدالدى، بۇ يەرنىڭ سۈيى ئىچىش ئۆلچىمىگە يېتەي دەپ قالدى. 

 ھايۋاناتلارغا تەبىئىي باغچە ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن، سۇلۇق يەر باغچىسى ياۋا گۈللەر، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى، دەرەخلەر ئارقىلىق كۆلنى بويلاپ كەڭرى بولغان يېشىل ئايرىش بەلبېغى ياساپ، بېلىق ۋە قۇشلارنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈركۈتىۋېتىشىدىن ساقلىدى؛ ھايۋاناتلارغا تەبىئىي دەم ئېلىش- ئۇخلاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، كېچىدە ھېچقانداق يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىشلىتىلمىدى، باغچىغا پەقەت يۇلتۇز ۋە ئاينىڭ شولىسىلا چۈشىدىغان بولدى. ھازىر ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 100 مىڭدىن ئارتۇق ياۋا ئۆردەك، قاراقۇتان، تۇرنا قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ماكانلىشىپ كۆپەيدى، كىشىلەر يەنە بۇ يەردە يىراقتىن كەلگەن ئاق قۇنىڭمۇ بارلىقىنى خۇشاللىق بىلەن بايقىدى. 

 ھەممە ناھىيە، شەھەر ھەرىكەتكە كەلدى. توقسۇ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى نۇرمەمەت ئابلا مۇنداق دېدى: توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا 230 مىڭ مو يېشىللىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، بوستانلىق ئىھاتە ئورمىنى ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىندى. دەريا ۋادىسى يادرولۇق رايونىدا 3000 مودىن ئارتۇق قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى قۇرۇپ، ھەم ئېكولوگىيەنى ياخشىلاپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇردۇق، ھەم ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدۇق. 

 ھازىرغا قەدەر، ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىدا ئېكولوگىيەنى تۈزەش كۆلىمى 1 مىليون 982 مىڭ 300 موغا يېتىپ، قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىدىكى ئومۇمىي كۆلەمنىڭ %85ى ئورۇندىلىپ بولدى. تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلغان، ئادەم كۈچى ۋاسىتىسىنى قوشۇمچە قىلغان ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدىيەسى يەنىلا داۋاملاشماقتا. بۇ يىل ئەتىيازدا، ئاقسۇ تۆتىنچى «مىليون مو»لۇق قۇرۇلۇش- كوڭتەيلىك قاقاسلىقنى يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆپ ساندىكىسىگە كەلكۈن باشلاپ سۇغىرىپ، توسۇپ يېتىشتۈرۈش ۋە تەبىئىي ئورمان، ئوتلاقنى قاشالاپ يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، قاقاسلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا قارىتا تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى يولغا قويدى. 

 شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېشىل كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش 

 ھازىر ئاقسۇنىڭ باغ- ئورمان مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. شىرنىلىك ئالما مەملىكەت بويىچە داڭلىق. ھالبۇكى، 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاقسۇدا تۈزۈكرەك باغ- ئورمانچىلىق يوق ئىدى. خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى شىركىتىنىڭ لىدىرى فەن جياڭمىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا باغ- ئورمانچىلىق ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان كەسىپ بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قوشۇمچىسى دەپ قارالغانىدى. 

 بارلىق ئۆزگىرىشلەر 1986- يىلى باشلانغان كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدىن باشلاندى. «بىز بۇرۇن خۇڭچىپو دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە كېۋەز ۋە كۆممىقوناق تېرىغاندا، ھوسۇلى بەك تۆۋەن بولغان. كۆكيار 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا، بەزىلەر تېرەكتىن باشقا ئالما كۆچىتى تىكىپ، سىناپ بېقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. گەرچە مېۋىلىك دەرەخنى تىكىپ ئادەتتە ئۈچ يىلدا ئاندىن مېۋە بەرسىمۇ، بىز يەنىلا يۈرەكلىك سىناپ باقتۇق، شۇڭا بۈگۈنكى ھوسۇللۇق بېغىمىز بار بولدى» دېدى فەن جياڭمىڭ. 

 تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىشتەك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئاقسۇنى چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى 32 يىل داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، باغ- ئورمانچىلىق قايتۇرغان مول جاۋابقا ئېرىشتۈردى. ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خاۋ مۇنداق دېدى: كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا، بىز ھەمىشە دەرەخ تۈرىنى ئىلمىي تاللاپ، شارائىتقا قاراپ كۆچەت تىكتۇق. بۇ ئىككى يىلدا، جىغاننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمىنىڭ بىر قەدەر ياخشىلىقىنى، ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭمۇ بىر قەدەر يۇقىرىلىقىنى بايقاپ، سىناق قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىلدىن باشلاپ چۆللۈكنى تىزگىنلەشتە زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردۇق.  شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆكەرتىش ئېلىپ بېرىش ئاقسۇنىڭ باغ- ئورمانچىلىقىنىڭ چۆللۈكنى تىزگىنلەشكە ئەگىشىپ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملاشتۇردى. سۇ قويۇش- ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشكەن سۇنى تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قىممەتلىك سۇ بايلىقىنى تېجەپ قالدى؛ ئايروپىلان ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتىپ، تۇپراقنى قوغداپ، باغ- ئورماننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىش ئاقسۇ باغ- ئورمانچىلىقىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 

 ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ «جۇڭگو ياڭاق ماكانى» دېگەن نامى بار. دېڭ خاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئونسۇ ياڭىقىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا سېتىلىشى ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇقىم بولماقتا. باشقا جايلاردىن چىقىدىغان ياڭاقلارنىڭ ھەر كىلوگىرامى 12 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىدۇ. ئونسۇنىڭ ياڭىقى بۇ يىل ھەر كىلوگىرامى 23 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلدى، سۈپىتى ياخشىلىرىنىڭ 25 يۈەندىن 28 يۈەنگىچە بولدى، بۇ ئادەتتىكى ياڭاق باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 

 ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ مەخپىيىتى- ئىلمىي، ئىنچىكە پەرۋىش قىلىش. دېڭ خاۋ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كۆپچىلىك ياڭاقنى ھۇرۇنلارنىڭ دەرىخى، ئىنچىكە پەرۋىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارايتتى، لېكىن بىز ياڭاق دەرىخىنى ئالما دەرىخىگە ئوخشاش پۇتاپ، شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، يورۇقلۇق چۈشۈرۈپ، قۇر ئارىلىقىنى بەش مېتىر ئېلىپ، ئېگىزلىكىنى بەش مېتىر قىلىپ قىرقىدۇق. بۇنداق بولغاندا ياڭاقنىڭ سۈپىتى مۇقىم بولىدۇ، ئىستېمالچىلار ۋە سودىگەرلەر بىزنى ئېتىراپ قىلدى. 

 يېشىل كەسىپ ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەندىلا، ئېكولوگىيەنىڭ پايدىسى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئۈنۈملۈك ئۆزگىرەلەيدۇ. 

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆكيار 2- ، 3- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى. بۇ يەر ئاقسۇدىكى ئەڭ بالدۇر چىلان ئۆستۈرۈلگەن جاي بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ چىلىنىنىڭ «كۆچەت مەنبەسى»، چىلان بايلىقى ئامبىرىدىلا 242 خىل سورت بار. سورتى كۆپ، ھوسۇلى مول بولغاندا، تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى كەسىپلەشتۈرۈش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. 

 2016- يىلى، ئاقسۇ تىيانشان شېنمۇ باغۋەنچىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ قۇرۇلدى. جاڭ يۇڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، دەرھال مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى. جاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئەڭ مۇھىم، تۇپراق ۋە دەرەخ پاكىز بولۇشى كېرەك. بىز پۈتۈنلەي بىيولوگىيەلىك ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەتتۇق، يەردە ئوت- چۆپ ۋە سازاڭلار بار. پۇتاشنىمۇ قاتتىق كونترول قىلغاچقا، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىردەكلىكى كۈچلۈك، شۇڭا تاۋارلىشىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ھازىر بىز بازارنى ئىزدىمەي، بازار بىزنى ئىزدەيدىغان بولدى. 

 مېۋە مەھسۇلاتلىرى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئىنچىكە پىششىقلاش تەخىرسىز ئىش بولۇپ قالدى. جاڭ يۇڭ يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپىي شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر خىل مېۋە كەمپۈتلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەم ھۈنەر رېتسېپى ۋە ئۈسكۈنىگە تېخنىكا پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىپ، بازارنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا ۋاقىتتىن ئۇتتى. 

 جاڭ يۇڭ لىدىر بولغان ئىككى يىلدا چاچلىرىغا ئاق كىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: زاۋۇت قۇرۇشتىن باشلاپ، مېۋە كەمپۈتى ئىشلەپچىقىرىشقىچە، پۇقرالار دەسلىپىدە بۇنىڭغا ئىشەنمىدى. پېشقەدەملىرىمىز دەرەخ ئۆستۈرۈپ، مېۋىگە كىرگۈزۈپ بەردى. بىز زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ كۆپرەك قەدەم تاشلىشىمىز كېرەك. بۇ تەسمۇ؟ ئەلۋەتتە تەس! لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى قۇم خالتىسىنى سېۋەتكە سېلىپ ئەپكەشتە كۆتۈرگەندىنمۇ تەسمۇ؟ ئەينى ۋاقىتتىكى ئېتىزدا قونۇپ، ئەتىگىنى توپىغا مىلىنىپ ئورنىدىن قوپۇشتىنمۇ تەسمۇ؟ پېشقەدەملىرىمىز بەرداشلىق بېرەلىگەن يەردە، بىزمۇ چوقۇم بەرداشلىق بېرەلەيمىز. 

 ھازىر پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تارىم ئويمانلىقىنى قورشىغان 4 مىليون 500 مىڭ مو ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى «ئورمان يېمەكلىكى(باغ- ئورمان تۈرى) ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى»غا ئايلىنىپ، يېشىل باغ- ئورمانچىلىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 

 ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىلا، تەبىئەت چوقۇم ئىنسانلارغا جاۋاب قايتۇرىدۇ. 32 يىل مابەينىدە، كىشىلەر داۋاملىق تىرىشىپ تەبىئەتكە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرمەكتە، ئاقسۇدىكى ئىككى دەريا ۋادىسىنى تۈزەش ۋە چۆللۈكنى كۆكەرتىش بوشلۇقىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، تۈزەش دائىرىسى ئىچىدە يەرنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، قۇملىشىش ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى. قىسقىغىنا نەچچە يىلدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن سۇلۇق يەر كۆلىمى 5 مىليون 180 مىڭ موغا يېتىپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %100 بولدى. 

 تەبىئەت ئىنسانلارغا تېخىمۇ زور ياخشىلىق قايتۇردى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ سۇلۇق يەرلىرىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلار 270 نەچچە خىلغا كۆپەيدى، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر 520 خىلدىن ئاشتى. كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇ، يېشىل تاغ، ھەممە مەۋجۇدات ئەركىن- ئازادە ياشىماقتا. يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسۇ زېمىنىدا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىق مېلودىيەسى تېخىمۇ گۈزەل، يېقىملىق ياڭرىغۇسى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى