قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى خەلققە قولايلىق <مۇلازىمەت تورى> بەرپا قىلدى

2018-11-02 19:02:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

10- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئېرپولات رەبېك ئۆز ئۆيىدىكى 200 تۇياق ئېمىل قويىنى بازار باھاسىدىن يۇقىرى باھادا شىنجاڭ «مايېر» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ، سويۇپ ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن، شۇ كۈنى خاڭجۇغا سېتىپ بەردى. بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، ئېرپولات رەبېك ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتقان مىڭدىن كۆپرەك قوينى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ساتتى. ئېرپولات رەبېك دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ مارىسۇ بازىرى مارىسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدىكى دېھقان. ئۇنىڭ ئۆزى باققان ئېمىل قويىنى شۇ كۈنى خاڭجۇغا يۇقىرى باھادا ساتالىشى، دۆربىلجىن ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىبارەت بۇ قولايلىق سۇپىنىڭ ئېلىپ كەلگەن نەتىجىسى.
دۆربىلجىن ناھىيەلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېرپولات بەيشەن مۇنداق دېدى: دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ يېشىل چارۋىچىلىق بايلىقى ئەۋزەل، ئوتلاق كۆلىمى 10 مىليون 490 مىڭ موغا يېتىدۇ. شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، ئېمىل ئاق قويى قاتارلىق چارۋىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليون 500 مىڭغا، بۇلتۇر قوتاندىن چىقىرىلغان چارۋا 965 مىڭغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېمىل ئاق قويىنىڭ قوتان قالدۇقى 40 مىڭدىن ئاشتى. ئەمما، بىرلا خىل تىجارەت ئەندىزىسى دۆربىلجىننىڭ يېشىل چارۋىچىلىق بايلىقىنى سېتىپ چىقىرىش قىيىن بولۇش ئەھۋالىغا دۇچار قىلدى.
2015- يىلى، دۆربىلجىن ناھىيەسى «زېفېڭ» يېزا ئىگىلىك سودا شەھەرچىسىدە دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن كەسىپ»، «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئىگىلىك تىكلەش»، «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن نامراتلارنى يۆلەش» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەت پىلانى يولغا قويۇلدى. بىر يىل يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بۇلتۇر 8- ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 40 نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 3 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. نۆۋەتتە، گۇاڭجۇ، فۇجيەن، شاڭخەي، بېيجىڭ، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدىغان يېشىل كالا- قوي گۆشى 1 مىڭ 600 توننىدىن ئاشتى. بۇ، ناھىيەدىكى 500 دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق قويى ۋە 2 مىڭ دىن ئارتۇق شىنجاڭ قوڭۇر كالىسىغا چېتىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنى ئېلېكترونلۇق سودا ئېلىپ كەلگەن نەپتىن ھەقىقىي بەھرىمان قىلدى. ئېرپولات رەبىك بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى.
دۆربىلجىن ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزى تىجارەت باشلىغان بىر يىلدىن بۇيان، نۆۋەتتە شىنجاڭ «مايېر» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، «شىنداتۇڭ» يېڭىلىق يارىتىش بىئو قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، دۆربىلجىن ناھىيەسى «تيەنخېيۈئەن» ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى، دۆربىلجىن ناھىيىسى «مىنفېڭ» غاز مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دۆربىلجىن ناھىيىسى «جۇشى» ئاپتاپپەرەس تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلىق، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق كارخانىلار بۇ سۇپىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، «سەنجياڭنوڭ» يېزا ئىگىلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان قوي گۆشى، «يۈيۈ يىپەك يولى» ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئاق ھاراق قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەدرىجىي مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى.
 خۇ پىڭ دۆربىلجىن ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇق مېۋە دۇكىنىنىڭ خوجايىنى. ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىنى شىزاڭ، خېيلۇڭجياڭ، تەيۋەن ۋە مالايسىيا قاتارلىق جايلارغا سېتىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. خۇ پىڭ دۆربىلجىن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرغان خەلققە قولايلىق تۇرمۇش «مۇلازىمەت تورى» دىن ئىنتايىن خۇشال بولدى ھەمدە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشتى. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، شىنجاڭ «مايېر» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى شۇ جايدىكى كوپىراتىپلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «سەنجياڭنوڭ» يېزا ئىگىلىك شىركىتى قوي گۆشى داڭلىق ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. دۆربىلجىن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ھازىرقى سېتىش سوممىسى 18 مىليون يۈەندىن ئاشتى. يېزىلار ئادەتتە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سېتىۋېلىش بازىرى بولۇپلا قالماي، يەنە زور سېتىپ چىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە «ھەسسە قوشۇش» رولىنى ئوينايدۇ. توردا مال سېتىۋېلىشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرگە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروت ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر ناھىيە بويىچە 13 يېزا- بازار، مەيدان مەركەزلەشكەن كەنت (كوپىراتىپ) تا 154 ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنىدىن 300 ئى يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كېلەر يىلى ئەشيا ئوبوروتىنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ساياھەت مەدەنىيىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىستېمالى» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنى چۆچەك- دۆربىلجىن ئويمانلىقىدىكى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىنى ھەم تېز، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس سالدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى