قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازىرى جاينا كەنتىدىكى دېھقان يۈسۈپئەخمەت ئۆمەرنىڭ ئۈچ يىللىق كىرىمى ئۈچ ھەسسە ئېشىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

2018-11-02 19:03:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يۈسۈپئەخمەت ئۆمەر ئۈچ يىلدا پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇردى. ئۇ 35 ياشقا كىرگەندە، ئاخىرى ئۆز قولى بىلەن «نامراتلىق قالپىقى» نى چۆرۈپ تاشلىدى. يېقىندا يۈسۈپئەخمەت كاستۇم- بۇرۇلكا كىيىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىگە «نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش ئىلتىماسى» سۇنۇپ، «مەن نۇرغۇن سىياسەت، پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولدۇم، ئەمدى ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاتسام بولمايدۇ» دېدى. يۈسۈپئەخمەت ئۆمەر خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازىرى جاينا كەنتىدىكى دېھقان. ئۇ ئەسلىدە ئۆيىدىكى 10 مو يەرگە تايىنىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايتتى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ گۇما ناھىيەسى قوشتاغ بازىرى جاينار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، ئوي- خىياللىرىمۇ جانلاندى. يۈسۈپئەخمەت ئۆمەر خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىدىن ئۆگەنگەن ئاددىي بازار ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشقا ئاساسلىنىپ، 10 مو يەرنى ھەر يىلى شەكىل چىقىرىپ تېرىدى، يەنى بىر يىلى ياڭاق كۆچىتى تىككەن بولسا، بىر يىلى يىلى بۇغداي تېرىيدى، كېيىنكى يىلى يەنە كۆممىقوناق تېرىدى. ئۇ يۇرتداشلىرىغا ئوخشىمايدىغان زىرائەتلەرنى تېرىپ، ھەر يىلى بازارنىڭ ئاساسى باھاسى ئاساسىدا كۆپرەك پۇل تاپتى. دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە، يۈسۈپئەخمەت دائىم يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ خىزمەت ئىزدىدى، خىش قۇيدى، سۇۋاقچىلىق قىلدى. 2015- يىلى، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 11 مىڭ 405 يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئائىلىسىدىكى بەش جاننىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى كىشى بېشىغا 2 مىڭ 281 يۇەندىن توغرا كەلدى. خىزمەت ئەترىتى 2016- يىلى ئۇنىۋېرسال باھالاشقا ئاساسەن، يۈسۈپئەخمەتكە 82 كۋادرات مېتىرلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇ خىزمەت ئەترىتىنى ئىزدەپ بېرىپ، تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بۆلۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنىمۇ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يۈسۈپئەخمەت كەنتتىكى باشقا نامرات ئائىلىلەرگە ئوخشاش، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھويلا- ئارام ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئېشەك ۋە قوي باقتى، يەنە ھويلىغا ئۈزۈم بارىڭى ياسىدى. يۈسۈپئەخمەت زىرائەتلەرنى تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى. قۇرۇلۇش ئورنىدا تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، «ئاددىي ئىشچى» دىن «چوڭ ئىشچى» غا ئايلاندى؛ يەنە خىزمەت ئەترىتى بەرگەن ئېشەك ۋە قويدىن پايدىلىنىپ تەخەي، قوزىلارنى كۆپەيتتى. ھەر شەنبە بازاردا ئۇ يەنە ئازىراق تىجارەت قىلدى. ئۈزلۈكسىز تىرىشىش جەريانىدا، يۈسۈپئەخمەتنىڭ تۇرمۇشىدا ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىش بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن يىللىق كىرىمىنىڭ تېرىقچىلىق، ھويلا- ئارام ئىگىلىكى، ئىشلەمچىلىك، يايما قاتارلىقلارنى قوشقاندا 36 مىڭ 480 يۈەنگە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئائىلىدىكى 6 جاننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 6 مىڭ 80 يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. كىشى بېشى كېرىمى 3 مىڭ 318 يۇەنگە يەتسە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش دۆلەت ئۆلچىمىدىن ئاشاتتى. ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسىنى خىزمەت ئەترىتىگە سۇندى. يۈسۈپئەخمەت ئۆمەر مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنچە كۆپ خەلققە پايدىلىق سىياسەت ۋە تۈرلىرىگە رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆزۈمگە تايىنىپ ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى