قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا

2018-11-06 13:30:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئەمگەك تالاش- تارتىشى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھوقۇقنى قوغداشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىگە ئەھمىيەت بەرمەي يېڭىلىپ قالغان بىر تىپىك دېلو مىسالى بار. بۈگۈنكى «قانۇن مۇنبىرى» سەھىپىمىز ئارقىلىق، ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداشتا ۋاقىت چېكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سالىمىز.
2015- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، ليۇ X مەلۇم بىر قۇرۇلۇش شىركىتىدە سىر پۈركۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. شۇ يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، ليۇ X خىزمەتتە يارىلانغان. كېيىن ئۇ ئىش ئۈستىدە يارىلانغان دەپ بىكىتىلگەن ھەمدە 10- دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغان. ليۇ X يارىلانغاندىن كېيىن بۇ قۇرۇلۇش شىركىتىدە داۋاملىق خىزمەت قىلمىغان. بۇلتۇر 8- ئاينىڭ 16- كۈنى، ليۇ X ئەمگەك كېسىمى قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ھەمدە قۇرۇلۇش شىركىتىدىن ئۆزى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. قۇرۇلۇش شىركىتى كېسىم ۋاقىت چېكىگە رەددىيە بېرىپ ئۆزىنى ئاقلىغان.
ليۇ X كېسىم قارارىغا قايىل بولماي ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن- كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. بىرىنچى سوتتا قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ليۇ X كە ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنىكى ئۈچۈن ئىككى ھەسسە مائاش بولۇپ جەمئىي 32 مىڭ 641 يۈەن تۆلىشى ھۆكۈم قىلىنغان. قۇرۇلۇش شىركىتى ھۆكۈمگە قايىل بولماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ليۇ X  2015- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان. ئۇ ئېيتقان ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن مەزگىل 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە. ليۇX  2017- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، بىر يىللىق كېسىم ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن دەپ قاراپ، قۇرۇلۇش شىركىتى ليۇ X كە ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئىككى ھەسسە مائاش بەرمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتكەن.
 سوتچى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: كېسىم ۋاقىت چېكىگە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمگەك تالاش- تارتىشى مۇرەسسە- كېسىم قانۇنى» نىڭ 27- ماددا 1- تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئەمگەكچى بىر ئاي توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئەمگەك توختامى تۈزۈش ھوقۇقىنىڭ دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بۇ خىل دەخلى- تەررۇز قىلىش پاكىتى بىر يىلغا توشماي تۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، كېسىم ۋاقىت چېكى توختام تۈزگەن شۇ كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؛ بۇ خىل دەخلى- تەررۇز قىلىش پاكىتى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتسە، كېسىم ۋاقىت چېكى بىر يىل توشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن ئەھۋالىدىن سىرت، يەنە ئەمگەكچىنى نورمال ئەمگەك بىلەن تەمىنلەش شەرتىمۇ قاندۇرۇلىشى كېرەك. ئەمگەكچىنىڭ داۋالىنىش مەزگىلى، ئىشتىن توختاپ مائاش ئېلىش مەزگىلى قاتارلىقلار نورمال ئەمگەك قىلىشقا تەۋە بولمايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئىككى ھەسسە مائاش بېرىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ.
 بۇ دېلودا ليۇ X ئېيتقان ئەمگەك توختامى تۈزمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئىككى ھەسسە مائاش بېرىش مەزگىلى 2015- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە بولۇپ، كېسىم ۋاقىت چېكى توختام تۈزگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 2017- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقتى بىر يىللىق كېسىم ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى