قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرى ئابلىمىت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردى

2018-11-06 13:32:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

10- ئاينىڭ 26- كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى يۇقىرى باغچى كەنتى ئاھالىسى تۇرسۇنباقى مەتقۇربان خۇشال ھالدا: «بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئابلىمىت رېھىم ماڭا بىر كالا ئەكىلىپ بەردى. بازارلىق ئورمانچىلىق پونكىتى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىگە ھەر ئايدا 800 يۈەن مائاش بېرىدۇ. بۇلارنى قوشقاندا، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشۇمدا چاتاق يوق» دېدى.
ئابلىمىت ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى يۇقىرى باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شۇنداقلا كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى. ئابلىمىت بۇ يىلنىڭ بېشىدا كەنتتە تۇرغاندىن باشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بېيىش ماھارىتىنى ئىگىلەشكە يېتەكلىدى.
 تۇرسۇن باقى ئابلىمىتنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى شۇنداقلا كەنتتىكى نامرات ئائىلە. خىزمەت ئەترىتى تۇرسۇن باقى ئائىلىسىگە كۆپ ياردەملەرنى بەردى. ئابلىمىت ئۆز ئىنىسىغا ئوخشاش ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلدى.
تۇرسۇنباقى مۇنداق دېدى: «قىزىم بۇ يىل 25 ياشقا كىردى، مىيىپ، ئايالىمنىڭ يۈرەك كېسىلى بار. پۈتۈن ئائىلىنى بېقىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەنگەن. ئابلىمىت ماڭا كالا ئەكىلىپ بېرىپلا قالماي يەنە خىزمەت تېپىپ بەردى. ئۇنىڭدىن مەن بەك مىننەتدار».
ئابلىمىت نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ. بۇ يىل 4- ئايدا، چارۋا بېقىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە چارۋا بېقىش ئىقتىدارى يوق نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنتتە كۆلىمى 220 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان كالا- قوي بېقىش ئورنى قۇرۇلدى. كەنتتىكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى بولغان كەنت ئاھالىسى جېلىل بارات بۇنى باشقۇردى. ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «جېلىلنىڭ ئىلگىرى كەنتتە بىر كاۋاپخانىسى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇ مال بازىرىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇنى شىنجاڭدىكى كەسپىي باقمىچىلىق مەيدانلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىك ئەمەلىي تەجرىبە توپلىشىغا ياردەم بەردۇق. جېلىل كالا، قوي ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئورنى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن باقمىچىلىق كەسپىدە پايدا ئېلىپ، ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا نامرات ئائىلىلەرگە پايدا تەقسىملەپ بېرىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قوش ئۈنۈمگە ئېرىشتى».
خىزمەت ئەترىتى كالا، قوي ۋاكالىتەن بېقىش ئورنىدىن باشقا، يەنە كەنت ئاھالىسى قاھار خەبەرنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كەنتتىكى 20 نامرات ئائىلە كىشىلىرى بۇ كوپىراتىپتا ئىشلەپ، ياڭاق ئايرىش بىلەن مەشغۇل بولدى. ھەر بىر ئادەم ھەر ئايدا 2 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىش ھەققى ئالالايدىغان بولدى.
 10- ئاينىڭ بېشىدا ئابلىمىت بەكمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چۈنكى، جىلىن ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر سودىگەر كوپىراتىپتىن 30 توننا ياڭاق زاكاز قىلغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئابلىمىت بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئايرىش، قاچىلاش، توشۇش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بىر نەچچە كۈن ئالدىراش بولدى. گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال ئىدى. ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «تىرىشقاندىلا باي بولغىلى بولىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك، بىز كۆپچىلىككە يېتەرلىك ئىشەنچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك».
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئابلىمىت ئىزچىل ھويلا- ئاراملارنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى 58 نامرات ئائىلىگە ھويلا- ئارامنى ئۆزگەرتىش خىراجىتى تارقىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا- ئارام مۇھىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇلار يەر يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «نامراتلارنى يۆلەشتە ئەقلى جەھەتتىن يۆلەش تولىمۇ زۆرۈر. بىز ھويلا- ئاراملارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى ئازادە تۇرمۇش مۇھىتىدىن بەھرىمەن قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىشەنچ ئاتا قىلىشىمىز كېرەك».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى