قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ چىلانلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىۋاتقان «ئۇششاق ئالتۇن چىلان»لارغا ئايلاندى

2018-11-06 17:18:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ چىلانلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىۋاتقان «ئۇششاق ئالتۇن چىلان»لارغا ئايلاندى.
يېقىندا، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بارۇن خارمودۇن بازىرى قارسۇ كەنتىدىكى دېھقان دۇ گاڭ چىلانلىق بېغىدىكى سانجاق- سانجاق مېۋىلىگەن چىلان شاخلىرىغا قارىغىنىچە، كۆز ئالدىدىكى مول ھوسۇل مەنزىرىسىدىن شاتلاندى. بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، دۇ گاڭ ئۆزىنىڭ چىلانلىق بېغىدىكى قۇرۇغان شاخ- تۈپلەرنى كېسىپ، چىلان تۈپلىرىنى چاتاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
دۇگاڭ مۇنداق دېدى: «قۇرۇغان چىلان تۈپلىرىنى چاتىۋېتىش شامال ئۆتۈشۈش، كۈن نۇرى چۈشۈشكە پايدىلىق بولۇپ، مۇۋاپىق چاتالغان چىلان تۈپلىرىدىكى چىلان مېۋىسىنىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ. پەمىمچە موشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە، ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ سودىگەرلىرى خېجىڭ ناھىيەمىزگە كېلىپ چىلان سېتىۋېلىشى مۇمكىن. مېنىڭ چىلانلىرىم ئۇششاقراق بولسىمۇ، تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى سورتلارنىڭ بىرى بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭغا يارىشا تۇرمۇشۇممۇ خۇددى موشۇ چىلانلاردەكلا شېرىن ھەم تاتلىق ئۆتىۋاتىدۇ».
2015- يىلى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، دۇ گاڭ چىلان يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدا پاكار، زىچ ئۆستۈرۈش، بالدۇر مېۋىلىتىپ، مول ھوسۇللۇق باغ بىنا قىلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شۇ يىلى كۆچۈرۈپ تىككەن چىلان تۈپلىرىنى ياندۇرقى يىلى مېۋىگە كىرگۈزۈش، ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ مول ھوسۇل ئېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئېزدەندى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى ئارقىلىق، چىلانلىرىنىڭ ئۆسۈشى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. ئالاھىدە باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يەتكەن دۇگاڭ، كېلەر يىلى چىلان تۈپلىرى ئارىسىغا كىرىشتۈرۈپ ياڭاق كۆچىتى تىكىشنى پىلانلىدى. 
ئىگىلىنىشىچە، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ چىلانلىرى كۈن نۇرىغا تويۇنغاچقا، چىققان چىلانلىرىنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھەم يېيىشلىك ھەم سۈپەتلىككەن. ھەر يىلقى مول ھوسۇل پەسلىدە، ئىچكىرىدىن چىلان سېتىۋالغىلى كېلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەچكە، خېجىڭ دېھقانلىرى چىلانلىرىنى ساتالماسلىقتىن غەم قىلمايدىكەن. 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيەسى قاقاسلىقلارنى تۈزەشتە، دېھقانلارنى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، زور كۈچ بىلەن چىلانلىق باغ بىنا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى ھەم دېھقانلىرنىڭمۇ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ھەم ئېكولوگىيە ئۈنۈمى ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تەڭ قولغا كەلتۈردى.
خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ بارۇن خارمودۇن بازىرىنىڭ قارسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەمەت قاسىم مۇنداق دېدى: چىلان دەرىخى باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرگە سېلىشتۇرغاندا قۇرغاقچىلىق، ئۈنۈمسىز تۇپراققا چىدامچانلىقى، پەرۋىش، باشقۇرۇشنىڭ ئاسانلىقى، ئۈنۈمىنىڭ تېز كۆرۈلىدىغانلىقى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بىز تېخىمۇ كۆپ دېھقانلىرىمىزنىڭ دۇ گاڭنى ئۈلگە قىلىپ، يەرلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ، بېيىش يولىغا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا يېقىن كەلگۈسىدە، قارسۇ كەنتىنىڭ چىلانچىلىق كەسپىنىڭ خۇددى چاقىلىق چىلىنىغا ئوخشاشلا خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى