قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى بايرام پائالىيىتى جەمئىي 24 تۈرلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، قار- مۇز ساياھىتى، دالادا ئاپتوموبىل ھەيدەش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2018-11-06 17:41:45     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى بايرام پائالىيىتى جەمئىي 24 تۈرلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق، قار- مۇز ساياھىتى، دالادا ئاپتوموبىل ھەيدەش، چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ئىستىمالدا ئېتىبار بېرىش، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبارلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەت، ياتاق، يېمەك- ئىچمەك باھاسىنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە تۆۋەنلەتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن يى مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىشتا بىز «ئاقسۇلۇقلار ئاقسۇنى ساياھەت قىلىش» ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتىلغان تارىخى مەدەنىيەت ساياھىتىنى يولغا قۇيىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى قىش پەسلىدە جەنۇبى شىنجاڭدا دەم ئېلىش ساياھىتى قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. ھۆددىگە ئالغان ئايرۇپىلان، مەخسۇس پويىزدا قونۇش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىدىن باشقا، بىز يەنە مەخسۇس ساياھەتچىلەرگە قارىتا ئالاھىدە ئارام ئېلىش بازىسى بەرپا قىلىپ، تارىم ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بىر مەيدان ئويۇنىنى ھەقسىز سوۋغا قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى